ھەر كۈنى كومپىيوتېر ئالدىدا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە شۇڭا كومپىيوتېر رادىئاتسىيىسىدىن قانداق ساقلىنىش كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى
بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئۇسوللار بىر سىناپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ:
1.ئەڭ ياخشىسى كومپىيوتېر ئېكرانى بىلەن بولغان ئارلىق 70 سانتېمېتىردىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك.
2.كومپىيوتېر ئارقا قىسمىنىڭ ئېلېكتر ماگىنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى كومپىيوتېر ئېكرانىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. شۇڭا كومپىيوتېر ئارقا قىسمى بىلەن ئەڭ ياخشىسى 120 سانتېمېتىر ئارلىق ساقلاش كېرەك.
3.ئىشخانىغا بىر تەشتەك گۈل قويۇپ قويغاندا كومپىيوتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
4.كومپىيوتېر رادىئاتسىيىسى دائىم كومپىيوتېر ئىشلىتىدىغانلارنىڭ يۈز تېرىسىنى يىرىكلەشتۈرۋېتىدۇ. شۇڭا داۋاملىق كومپىيوتېر ئىشلىتىدىغانلار ئادەتتە كومپىيوتېر رادىئاتسىيىسىدىن ساقلىنىش مېيى ئىشلىتىش بىلەن بىللە، ھەر يېرىم سائەتتە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئازراق دەم ئېلىشى، كومپىيوتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يۈزىنى پاكىز يۇيۇۋېتىشى ھەم تېرىگە بىر نەچچە قېتىم سۇ پۈركۈپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلىشى كېرەك.
كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تورى