ۋىتامىن P نىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋىتامىن P نىڭ ئارخىپى

نامى: ۋىتامىن P

باشقىچە ئاتىلىشى: ئۆتكۈزۈشچانلىققا قارشى ۋىتامىن.

تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن P بىرخىل ئالاھىدە بىئوفلاۋونوئىد بولۇپ، ئۇ ۋىتامىن PP (نىكوتىن كىسلاتاسى) دىن بىرلا ھەرپ پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ خىمىيىلىك تۈزۈلۈشى ئوخشاشمايدۇ، رولىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

ئاساسلىق رولى

ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ ئېچىتقۇ (فېرمېنت) ھاسىل قىلىدۇ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

قان تومۇرلارنىڭ چۈرۈكلۈكىنى، ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان قېيىپ قېلىش ۋە ئىچكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ۋىتامىن C نىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىپ، توقۇلمىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ.

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە بولغان قارشىلىق كۈچنى ئاشۇرىدۇ.

چىش مىلىكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.

ئىچكى قۇلاق كېسەللىكلىرىدىن كېلىپ چىققان ئىششىق ياكى باش قېيىشنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ، مېڭىگە قان چۈشۈش، كۆرۈش تور پەردىسى قاناش، سۆسۈن داغ قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

ۋىتامىن P يېتىشمىگەندە بۇرۇن قاناش، تېرە ئاستى قاناش ۋە باشقا ئۇششاق قان تومۇرلار قاناش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

 

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

ئاسانلا قان قېيىپ قالىدىغانلار، چىش چوتكىلىغاندا دائىم چىش مىلىكى قانايدىغانلار.

 

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

تەركىبىدە ۋىتامىن P مول يېمەكلىكلەردىن لىمون، ئاپېلسىننىڭ پوستىنىڭ ئاق رەڭلىك قىسمى، شۇنىڭدەك ئېتىنى ئوراپ تۇرىدىغان نېپىز پەردىسى قاتارلىقلار بار؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆرۈك، قارا بۇغداي ئۇنى، گىلاس، ئۈزۈم، دولانا، شوخلا قاتارلىق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىمۇ ككپ مىقداردا ۋىتامىن P بولىدۇ.

 

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

قوشۇمچە تەسىرى بارلىقى تېخى بايقالمىدى، چەكتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىنسا، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدىغان بەزى قاراشلار بار.

 

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھەردائىم كۆكتات، مېۋە-چېۋە ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ۋىتامىن P نى تولۇقلىشى ھاجەتسىز.

مۇۋاپىق مىقداردا چاي ئىچىپ بەرگەندە، ۋىتامىن P مۇئەييەن دەرىجىدە تولۇقلىنىدۇ.

چەيزە (پېدىگەن) نىڭ تەركىبىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سۆسۈن رەڭلىك شۆپۈكى بىلەن ئېتىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە ۋىتامىن P نىڭ مىقدارى ھەممىدىن يۇقىرى.

ۋىتامىن P بىلەن ۋىتامىن C نىڭ ھەمكارلىشىش تەسىرى بار، ئىككىسى بىلەن ئىستېمال قىلىنسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 

كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى

ۋىتامىن P نىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى يوق، نۇرغۇن ئوزۇقلۇقشۇناسلار، ھەر 500 مىللىگرام ۋىتامىن C ئىستېمال قىلغاندا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 مىللىگرام ۋىتامىن P ئىستېمال قىلىش لازىم دەپ تەكلىپ بېرىدۇ. چۈنكى ۋىتامىن P بىلەن ۋىتامىن C ھەمكارلىشىش تەسىرىگە ئىگە.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-09-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-15 / 10:52:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ