ۋىتامىن F نىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋىتامىن F نىڭ ئارخىپى

باشقىچە ئاتىلىشى: لىنولېئىك كىسلاتا، خاسىڭ مېيى كىسلاتاسى.

قىسقىچە تونۇشۇرۇش: ۋىتامىن F ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر لازىملىق بىرخىل ياغ كىسلاتاسىدىن ئىبارەت، بۇرۇن كىشىلەر ئۇنى ياغدا ئېرىيدىغان بىرخىل ۋىتامىن دەپ قارىغانىدى. ۋىتامىن F يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدىن چەككىلەپ ئېلىنىدۇ، ئىسسىققا چىدامسىز، ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن F يېتىشمىسە، تېرىگە ئاسانلا ھۆل تەمرەتكە ، دانخورەك چىقىدۇ.

ئاساسلىق رولى: ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، تېرە ۋە چاچنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بەزلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ھۈجەيرىلەرنىڭ كالتسىيدىن پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئارتېرىيىگە خولېستېرولنىڭ چۆكۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

يۈرەك كېسىلىنى داۋالايدۇ، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنى ئۆزگەرتىپ، ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى: ۋىتامىن F ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك مايلىرى، مەسىلەن، زىغىر، ئاپتاپپەرەس، زاراڭزا، دادۇر، خاسىڭ قاتارلىقلارنىڭ مېيى تەركىبىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ياڭاق تەركىبىدىمۇ مول ۋىتامىن F بار.

كۈندىلىك ئىستىمال قىلىش مىقدارى:

كۈندىلىك F ياسالمىلىرىنى چەكتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا، قانداق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى نۆۋەتتە تېخى بايقالمىدى. ئەمما ئوزۇقلۇقشۇناسلار ۋىتامىن F چەكتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىنسا، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ كۆرسىتىدۇ، كۈنىگە 12 چاي قوشۇقى گازىر چاققاندا ياكى يېرىم دانە ياڭاق مېغىزىنى يېگەندە، ئادەم بەدىنىنى بىر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق ۋىتامىن F بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-09-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-19 / 10:48:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ