ئانا سەھىپەساغلاملىقۋىتامىنلەر ۋە مىنىرال ماددىلارئۇيقۇسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننى تولۇقلاڭ

ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننى تولۇقلاڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېتەرلىك ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بىراق تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئادەمنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز بۇ خىل ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگەتمەكچى بولساق، ئالدى بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىشىمىز كېرەك.

ئادەتتە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، تۇرمۇش ياكى خىزمەت بېسىمى زىيادە ئېغىر بولۇش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، دەم ئېلىش قانۇنىيەتسىز بولۇش ھەمدە بەدەندىكى ۋىتامىنلارنىڭ كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئامىللار ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردۇر. دوختۇر شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئەگەر ئۇيقۇسىزلىقىڭىز بەدەندىكى ۋىتامىنلارنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننى تولۇقلىشىڭىز لازىم.

 

1. ۋىتامىن B1

ۋىتامىن B1 بولسا B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىلى بولۇپ، ۋىتامىن B1نىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇ بەدەندىكى ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىپ، بەدەندىكى گىلۇكوزىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە يۈرەكنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن B1 كەم بولسا، بىۋاسىتە ھالدا ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كەيپىياتنى تۇراقسىزلاشتۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىق نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز تۇرمۇشتا كەيپىياتىڭىز تۇراقسىزلىقىدىن ئۇخلىيالمىسىڭىز، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن B1 تولۇقلىشىڭىز كېرەك.

ئادەتتە تۇرمۇشتا نۇرغۇن يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن سۇلۇ (燕麦)، گازىر، بانان، ئۈزۈم، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول.

 

2. ۋىتامىن B6

ۋىتامىن B6 ۋىتامىن B1غا ئوخشاش ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ۋىتامىنلارنىڭ بىرى. ئەگەر بەدىنىمىزدە ۋىتامىن B6 كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن B6 كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ۋىتامىن B6 بەدىنىمىزدىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭشىلىشىدە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن B6 كەمچىل بولسا، ئاسانلا بىئارام بولۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ياكى ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/17766929.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-29 / 06:33:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ