مېڭە لىپىلدىقى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
باش يۇمشىقى, باش لىپىلدىقى, مېڭە لىپىلداق, مېڭە يۇمشىقى, مىڭە يۇمشىقى, مىڭە لىپىلدىقى, مېڭە ئوچۇقى,مېڭە يوچۇقى, لېپىلداق, مېڭە لېپىلدىقى
fontanel
囟门
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
天窗
Bıngıldak, fontanel
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بېشىدا ئىككى مېڭە لىپىلدىقى بولىدۇ. بۇ ئىككى يەر بىرسى ئالدىدا، بىرسى باشنىڭ كەيدىراق بولىدۇ. بۇ يەر يەنى باش سۆڭەكلىرىنىڭ تۇتۇشۇپ شەكىللەندۈرگەن بىر بوشلۇق قىسىمدۇر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇ لىپىلداق بوشلۇقلىرى تېخى ئېتىلمىگەن بولىدۇ. كەينى مېڭە لىپىلدىقى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 3 ئاينىڭ ئىچىدە ئىتىلىدۇ. ئالدى مېڭە لىپىلدىقى بىر قەدەر چوڭراق بولغاچقا، 1 ياشتىن 1 يېرىم ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئىتىلىدۇ.
بۇ ئورۇن ئۇدۇل باشنىڭ ئىچى بىلەن بولغان بىر يوچۇق بولغاچقا، شۇڭا بوۋاقلارنىڭ بۇ قىسمىنى ئالاھىدە ئاسراش بەك مۇھىم.