1. تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار : پاختا ، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ، سوۋۇتۇلغان كالا سۈتى . سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بىلەن قايماقلىق كالا سۈتىنى بىردە بىر نىسبەت بويىچە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، سۇيۇق ھالەتكە كەلتۈرۈۋالىمىز . ئاندىن پاختىنى چىلاپ ، شۇ پاختىنى كۆز ئەتراپىغا قويۇپ ، 12 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ ئېلىۋەتسەك بولىدۇ .

2 . تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار : قارا شېكەر ، قولياغلىق ياكى داكا .قارا شېكەرنى قورۇپ ئازراق قىزىتىۋالىمىز . ئاندىن ئۇنى قولياغلىققا ياكى داكىغا ئوراپ سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە چۆرگىلىتىپ تۇرۇپ كۆز ئەتراپىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .
3. ئىشلىتىپ بولغان خالتىلىق چاينى كۆز ئەتراپىغا قويۇپ بەرسەكمۇ كۆز ئەتراپىدىكى قارا يوقاپ كېتىدۇ .
4. سۇلۇقراق ئالمىنى ئىككى پارچە قىلىپ ،كۆزنى يۇمۇپ ئۈستىگە قويۇپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ ئېلىۋەتسەك بولىدۇ . بۇخىل ئۇسۇلنى دائىم قوللىنىپ بەرگەندە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .
5. كۆز ئەتراپىدىكى قارا كۆپ ھاللاردا دەم ئېلىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن پەيدا بولىدۇ . شۇڭا بۇنداق ۋاقىتلاردا ئەتىگەن ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىمىز بىلەن ئوخشاش تېمپېراتۇرىدىكى سۇدا لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ كۆزىمىزگە قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۇزۇپ بەرسەك ، قارا ئاستا – ئاستا سۇسلايدۇ . بۇ خىل ئۇسۇلنى 10 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇساق بولىدۇ .
6. ئەتىگەندە يۇزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە كۆز ئەتراپىنى بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قان ئايلىنىشقا ياردىمى بولىدۇ – دە ، قارا يوقايدۇ .
7. يېڭى بەرەڭگىنى يالپاغداپ كۆزگە 10 مىنۇت چاپلاپ بەر سە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .
8. گىرىمگە ئىشلىتىدىغان بۇلۇتنى مۇزدەك سۇغا چىلاپ كۆزگە 15 مىنۇت ئەتراپىدا قويۇپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ . ئىسسىپ قالغاندا ئالماشتۇرۇپ بېرىش كېرەك .
ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى