سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن لې لې ئاپتوموبىل ساتقۇچى، يەنە شۇنداقلا ئۇ بىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، ئۇنىڭ يۇقۇملانغىنىغا ئىككى يىل بولاي دېدى.
تەخمىنەن ئىككى يىل ئىلگىرى لې لې دائىم كېچىسى تەرلەپ كەتكەن، دەسلەپتە ئۇ ئۆزىنى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىممۇ دەپ ئويلىغانىدى لېكىن دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆكرەك قىسمىنى CTدا تەكشۈرۈش ۋە قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دوختۇر ئۇنىڭدا تۇبېركۇليۇزنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن، لېلې يەنە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، كېچىسى ئوغرى تەرلىگەندىن باشقا، يەنە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان باش ئاغرىش، قىزىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، بەدىنىگە ئەسۋە چىقىش، قولتۇق لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئارىلاپ كۆرۈلۈپ، بارغانسېرى كۆپ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىگە دۇچ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن لې لې يەنە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان.
دوختۇر لې لېنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، لې لېدىن ئوغۇل دوستى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، قان ياسالمىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ياكى ئۇچراشمىغانلىقىنى سورىغان. لې لېنىڭ ئۈچ ئوغۇل دوستى بىلەن ئارىلاشقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭغا تۆت تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىك (B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى، سىفلىس ۋە ئەيدىز كېسىلى) تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. نەتىجىدە دوختۇرنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك، لې لېنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىققان.
دەسلەپكى دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، دوختۇر لې لېغا قان ئەۋرىشكىسىنى دەرھال كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە ئاپىرىپ يەنىمۇ بىر قەدەم تەكشۈرۈپ بېقىشىنى ئېيتقان. ئۇ كۈتكەندىن كېيىن ئاخىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن، نەتىجىدە لې لېغا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.
لې لې ئۆزىنىڭ بۇ كېسەل بىلەن باغلىنىپ قالىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن، ئۇ ئۆزىمۇ ئادەتتە قالايمىقان ئىش قىلمايدىغان بولۇپ، بىردىنبىر ئېھتىماللىق بولسا ئىلگىرى ئارىلاشقان ئوغۇل دوستىدىن ئۆزىگە يۇقۇپ قېلىشى ئىدى.
لې لې ئۈچ ئوغۇل دوست تۇتقان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، ئەڭ ئاخىرقى ئوغۇل دوستى بولسا لې لې بىلەن خىزمەتداش، شۇنداقلا ئاپتوموبىل ساتقۇچى، ئۇ لې لېدىن ئىككى ياش چوڭ ھەم لې لېدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن خىزمەتكە چىققان، ئىككىيلەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئۆز-ئارا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسمىي ئالاقە قىلىشقا باشلىغان، ئۇلارنىڭ ئالاقە قىلىۋاتقىنىغا تەخمىنەن بىر يىل بولغاندا يەنى لې لې ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن تەخمىنەن ئىككى ئاي بۇرۇن، ئىككىيلەن بەزى كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئايرىلىپ كەتكەن، ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، قايتا ئالاقىلاشمىغان.
لې لې ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئوغۇل دوستىدىن يۇقۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىغا تېلېفون ئۇرغان، بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋېتىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتكەن، كېيىن لې لې يەنە ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتقاندا، بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى تېلېفوننى قەتئىيلا ئالمىغان.
لې لې ئاخىرى ئۆزىنىڭ بۇ كېسەلنى ئەڭ ئاخىرقى ئوغۇل دوستتىن يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلگەن. چۈنكى ئەگەر نورمال ئادەم بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بولسا، چوقۇم ئالاقزادىلىك ئىچىدە يۈگۈرۈپ بېرىپ تەكشۈرتكەن بولاتتى، ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ سابىق ئوغۇل دوستى ھەقىقەتەن كۆپ قېتىم سۈكۈت قىلغان ۋە كارى بولمىغان، دېمەك ئۇ چوقۇم بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ بولغان.
بۇنداق زەربىگە دۇچ كەلگەن لې لې قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن، ھەتتا ھاياتىدىن ۋاز كەچكىلى تاس قالغان، ئۇ دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەھۋالىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماي، پەقەت ئۆزى يالغۇز ئۈن ـ تىنسىز بەرداشلىق بەرگەن.
دوختۇرنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشىدىن كېيىن، لې لې ئاخىرى ئەڭ جاپالىق بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاكتىپلىق بىلەن دورا ئىستېمال قىلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. دەسلەپتە داۋالاش جەريانى ناھايىتى بىئارام بولغان بولسىمۇ، ئۇ چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەرگەن.
قەتئىي بوشاشماي داۋالاش ئارقىلىق، لې لېنىڭ سالامەتلىكىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرمۇ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان، CD4 سەۋىيەسىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان ۋە ئەسلىگە كەلگەن، بۇمۇ لې لېغا قايتىدىن ئۈمىد ئاتا قىلغان.
ھازىر لې لېنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالى خېلىلا ياخشى، ئۇنىڭ ھازىرقى ئويى ئاكتىپلىق، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا يۈزلىنىش، قەيسەرلىك، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش، چۈنكى دوختۇر ئۇنىڭغا پەقەت كېسەللىك ئەھۋالى ياخشى كونترول قىلىنسىلا، ئۇنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ دېگەن، ئۇ پەقەت ئۆتمۈشنى قويۇپ، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىشنى ئويلايدۇ.
شۇڭا ئەيدىز بىمارلىرىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش ۋە بالدۇر داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم. دەسلەپكى مەزگىلدە ئەيدىز كېسىلىنى ۋاقتىدا داۋالىغاندا، ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، شۇڭا يېڭىدىن يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرىمۇ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18013726.shtml