تۇرمۇشىمىزدا ئەرلەرنى ساغلاملىقىغا زەخىم يەتكۈزىدىغان قاتىللارنى بىلەمسىز؟

تېز تاماقخانا تائاملىرى : تەكىبىدە كاناماش(دادۇر) بار يېمەكلىكلەر كۆپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇنغا ئوخشايدىغان ماددا بولۇپ ، بۇ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن .
ئاپتوموبىل ھەيدەش : ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى ئۇدا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتسە ، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىكەن .
قاتناش ۋاستىلىرىدىن بۇلغىنىش : ھاۋادىكى ئازوت ئوكسىدى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدىكەن .
خاتىرە كومپىيۇتېر : تىزىغا قويۇپ ئىشلەتكەندە ، كومپىيۇتېر چىقارغان ئىسسىقلىق ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەيدۇ .
يانفون : يانفون رادىئاتسىيىسى ئىسپېرمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى زەخمىلەندۈرىكەن ياكى ئۆلتۈرىدىكەن .
قەغەز زاكا : قەغەز زاكا ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار :ئۇنىڭدىكى خىمىيىلىك ماددىلار ئەرلىك گورمۇن ئاجرالمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىدىكەن .
تاماكا چېكىش : دائىم تاماكا چېكىش ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن .
تار ئىشتان كىيىش ۋە قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش :ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەن .
قەھۋە : قەھۋە تەركىبىدىكى ماددىلار ئىسپېرمىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىدىكەن .