ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىپەرزەنتلىرىمىزدە ئىقتىساد ئېڭى يېتىلسۇن

پەرزەنتلىرىمىزدە ئىقتىساد ئېڭى يېتىلسۇن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پەرزەنتىنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا – ئانا بولمايدۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرخىل بۇرچ قىلىۋالىدۇ، بۇنىڭ پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش روھىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ بۇ، پەرزەنتلەردە ئىقتىساد ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىنىڭ كەملىكىنىڭ ئالامىتى

بىر تۇغقىنىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى بىلەن يېقىندا تېلېفونلاشقاندا ئۇنىڭغا 120 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي ئېلىپ قويغانلىقىنى، كەلگۈسى تۇرمۇشىدىن غەم يېمەسلىكىنى ئېيتتى. تۇغقىنىم بالىسىغا بۇ گەپنى دېيىشتە ئۇنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ئاتا – ئانىلارنىڭ مال – دۇنياسىنى بالىلىرىغا پەش قىلىشى ئۇلارنى پۇلنىڭ غېمىنى قىلمايدىغان، كەلگۈسىنى ئويلىمايدىغان، ‹‹ئاتا – ئانام بارغۇ›› دەپ ئۇلارغا يۆلىنىۋالىدىغان، ئىستىقبالى ھەققىدە ئۆزى ئويلانمايدىغان، تەييارتاپ قىلىپ قويىدۇ.

پەرزەنتلىرىمىزدە ئىقتىساد ئېڭى يېتىلسۇن

قوشنامنىڭ ئوغلىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. قوشنامنىڭ ھال – كۈنى ئوبدانلا. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەر – ئايال ئىككىيلەن تۇرمۇشتا ئىنتايىن تېجەشلىك، پۇل – مېلى بىلەن كېرىلمەيدۇ. سورتلۇق مېۋىلىك دەرەخنىڭ مېۋىسى شېرىن بولغاندەك، ئۇلارنىڭ پەرزەنتىمۇ پەزىلەتلىك، ئەقىللىق بالا بولدى. قوشنامنىڭ دېيىشىچە، ئۇ مەكتەپتىمۇ بەك تېجەشلىك ئىكەن. ھەتتا ئېشىنغان پۇلىنى تەتىلدە قايتۇرۇپ كېلىپ ئاتا – ئانىسىغا بېرىدىكەن. ئاتا – ئانىسى ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆي ئېلىشىغا ۋە تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتەرلىك ئىقتىسادنى تەل قىلىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئوغلىغا تىنماپتۇ. تىنسا، بالىسىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا بولغان ئىزدىنىش، تىرىشىش، ئىنتىلىش روھىنىڭ سۇسلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

پەرزەنتلەردە مال – دۇنياغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش، قانداق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. يۇقىرىقى ئىككى ئائىلىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئوخشاشماسلىق بالىلاردا ئوخشاشمىغان ئىقتىسادىي ئاڭنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. زىيادە بەتخەجلىك، ھەشەمەتچىلىك پەرزەنتلەرنى تەييارتاپقا ئايلاندۇرۇپ، كەلگۈسىگە، ئۆز تەقدىرىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. پەرزەنتلەردىكى مەردلىك، ۋىجدان، نومۇس، ئىرادىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن ئاددىي – ساددا، تېجەشلىك تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاتا – ئانا، ئالدى بىلەن، ئۆزىدە شۇ شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك. پەرزەنتلەردە بەختنىڭ ھالال مېھنەت ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاڭنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلار كىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماسلىقى، بالىنى ياخشى كۆردۇق، دەپ ھەممىلا نەرسىسىنى تەل قىلىپ بەرمەسلىكى كېرەك. ئۇلارمۇ كىچىكىدىن باشلاپ كەلگۈسى تۇرمۇشى توغرىسىدا باش قاتۇرۇشنى ئۆگەنسۇن، يوقنى بار قىلىشنىڭ جاپاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ تەمىنى تېتىپ چوڭ بولسۇن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:42:29

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ