توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاشقازان كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرى بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش بېسىمى، ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنىڭ قانۇنىيەتسىز بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئاشقازان كېسىلى باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشىمايدۇ، داۋالاشتىن باشقا ياخشى كۈتۈنۈش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ساقلانغىلى، ئاشقازان كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئالتە خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئاشقازاننى ئاسرايدىغان يېمەكلىكنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىمىز.
1. تېرىق( glutinous millet, yellow rice, 黄米)
تېرىق ئۇمىچى ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر تېرىق ئۇمىچى ئىچسە تېخىمۇ ياخشى، تېرىق ئۇمىچىغا چىلان، نېلۇپەر ئۇرۇقى، گۈلسامساق، كاۋا قاتارلىقلارنى قوشۇپ قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ، ئوزۇقلۇق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
2. يۇمىلاق گۈرۈچ (Keng Rice, 粳米)
يۇمىلاق گۈرۈچ بىلەن تېرىق ئوخشاش بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار. يۇمىلاق گۈرۈچتە شوۋىگۈرۈچ ئەتكەندە ئاشقازاننى ئاسرايدۇ، يەنە ئۆردەك گۆشى بىلەن يۇمىلاق گۈرۈچتە ئۇماچ تەييارلىسا ئاشقازاننى ئاسراش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر چىلان بىلەن يۇمىلاق گۈرۈچنى قوشۇپ ئۇماچ قايناتسا، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپلا قالماستىن، يەنە قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
3. كاۋا (南瓜, Pumpkin)
كاۋا تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، تەركىبىدە مول تاماق تالاسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنىڭ غىدىقلىشىنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كاۋىنى دائىم يەپ بەرسە، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كاۋىنىڭ يېيىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇماچ قايناتسىمۇ، شورپا قايناتسىمۇ، دۈملەپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.
4. پېچەكگۈل (山药, Chinese yam)
پىچەكگۈلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، پىچەكگۈلنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، يەنە تال ۋە ئاشقازاننىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پېچەكگۈل تەركىبىدە مول يېپىشقاق ئاقسىل بولۇپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە. پىچەكگۈلنى قورۇغاندا ناھايىتى تەملىك بولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت دۈملەپ پىشۇرسىمۇ ناھايىتى يېيىشلىك بولىدۇ.
5. تاتلىق ياڭيۇ(红薯, Sweet potato)
تاتلىق ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ئەرزان بولۇپلا قالماي، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەشتىمۇ ئۈنۈمى ياخشى.
6. يېشىل كۆكتات
چېچەكسەي، پالەك، كاللەكبەسەي قاتارلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىك ماتېرىيالى،
ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر ناھايىتى كۆپ، لېكىن يەنىلا ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەكلىكنى تاللاش كېرەك، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ.