ئادەم بەدىنى لىمفا سىستېمىسى جايلىشىش يەرلىرى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

لىمفا سىستېمىسى
лемфа системиси
淋巴系统
Lymphatic system
Lenfatik sistem
لىمفا سىستېمىسى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئانچە تونۇش بولمىغان، ئەمما ئىنتايىن مۇھىم بولغان مۇداپىئە سىستېمىسى، يەنى بەدىنىمىزنىڭ كېسەللىكلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەركىپ تاپىدۇ. لېمفا سىستېمىسى سىرتقى دۇنيادىن بەدىنىمىزگە كىرگەن زىيانلىق مىكروئورگانىزمانى تونۇش ۋە يوقىتىش رولىغا ئىگە.
لىمفا نەيچىسى، لىمفا توقۇلمىلىرى، لىمفا ئورگانلىرى (تۆش، بادامسىمان بەز، لىمفا تۈگۈنلىرى، تال) دىن تەشكىل تاپىدۇ. بەدەندە 350-500 گىچە لىمفا تۈگۈنى (بەز) بارلىقىنى بىلەمسىز؟
لىمفا سىستېمىسىدىكى لىمفا سۇيۇقلۇق ( lymph fluid 淋巴液 lenf sıvı ) نىڭ شەكىللىنىشى ئاساسلىقى قىل قان تومۇرلاردىكى سۇيۇقلۇق ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەن ئورگان توقۇلمىلىرىغا بارغاندا، ماددا ئالمىشىپ بولغاندىن كېيىن كۆپ قىسمى ۋىنا قىلقان تومۇرغا قايتىپ كىرىدۇ، ئاز كىچىك قىسىمدىكى سۇيۇقلۇق ۋە بەزى ماددىلار قىل لېمفا نەيچىسىگە سىڭىپ كىرىدۇ، ۋە بۇ ئارقىلىق لىمفا سۇيۇقلۇقى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە لىمفا ئورگانلىرى لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، لىمفا سۇيۇقلۇقىنى سۈزىدۇ، بەدەن ئىممۇنىتىت نورمال ئىشلىشىدە رول ئوينايدۇ.
- توقۇلمىلاردىكى قىسمەن سۇ، ئاقسىلنى سۈمۈرۈپ، قان تومۇرغا قايتىدىن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قاندىكى ئاقسىل، سۇ قۇيۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش.
- ھەزىم قىلغان مايلارنى قانغا يەتكۈزۈش.
- بەدەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن مىكروئورگانىزىملارنى تونۇش.
- بەدەن ئىممۇنىتىت قوغدىنىش سىستېمىسىگە قاتنىشىپ، سىرتقى دۇنيادىكى مىكروئورگانىزىملاردىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش.
- بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ئانتىبادى ئىشلەپ چىقىرىش ۋەيا ئانتىگېن لەرنى يۈتۈۋېتىش ۋەيا ئۆلتۈرۈش.
- ئىلگىرى بەدەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن مىكروئورگانىزىملارنى تونۇش، بۇ ئارقىلىق كېيىنكى قېتىملىق ئوخشاش ھۇجۇمدا ئىتتىك ھەم كۆپ مىقتاردا ئىممۇنىتىت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش.


