
مەزكۇر رەسىمدە، ھۈجەيرە يادروسىدىكى خروموسومالارنىڭ تۈزۈلۈش شەكىللىرى ۋە ئاساسىي تۈزۈلۈش بىرلىكلىرى بېرىلگەن. ئىشقار جۈپتىلىرىنىڭ قانداق شەكىلدە DNA قوش بۇرمىسىىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ۋە گىستون ئاقسىللىرىنى قانداق ئورايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تېلومېر شەكىللەندۈرۈپ ئاستا ئاستا خروموسوما شەكىللىنىشىنى رەسىملىك ئىپادىلەنگەن.
ھۈجەيرە خروموسوما ۋە DNA تۈزۈلۈشى
Cell chromosome and DNA structure
ھۈجەيرە يادروسى
Nucleus
细胞核
ھۈجەيرە
cell
细胞
خروموسوما
Chromosome
染色体
تېلومېر, ئۇچ دانچە
Telomere
端粒
سېنترومېر
Centromere
着丝粒, 中节
خروماتىد
Chromatids
染色单体, 染色分体
يادىرو تەنچىسى
Nucleosome
核小体, 核体, 核仁小体
ئىشقار جۈپى
Pairs of bases
碱基对
گىستون
Histones
组织蛋白, 组蛋白
DNA قوش بۇرمىسى تۈزۈلۈشى
DNA of double helix
DNA双螺旋



ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاللاھ رازى بولسۇن بەك ياخشى بىر دېتال ۋە سەھىپە بۇپتۇ ، ئەگەردە تىخىمۇ ئىنچىكە چۈشەندۇرۇلگەن بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەنتۇق. ئەمما يەنىلا كۆپ رەھمەت، مەن گېرمانىيەدە ساغلاملىق بۆلۈمىدە ئوقۇۋاتىمەن ۋە كاشكى ئۇيغۇر تىلىمىزدا بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىغان ئىدىم ۋە سىلەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم . كۆپ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرتىلىمىزدىكىنىمۇ ئۆگىنىپ مىڭىۋاتىمەن 🤗 ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن 🤭🤲🏻
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. بىزنىڭ ئەڭ تۈپكى مەقسىتىمىزمۇ شۇ ئىدى، سىزگە ئاز تولا پايدىسى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تىلىمىزغا ئائىت مەزمۇنلارنى تولۇقلاشقا يېڭىلاشقا تىرىشىمىز.
ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تېلەيمىز. سالامەت بولۇڭ.