ئاشقازانغا سىرتقى دۇنيادىن بەزىدە مىكروپ، بەزىدە زىيانلىق ماددىلار، يەنە بەزىدە بەدەنگە زىيىنىمۇ يوق، پايدىسىمۇ يوق نەرسىلەر كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشقازان ئېرىتىپ بېقىشقا تىرىشىپ باقىدۇ. ھەتتا بەزى كىشىلەر بولۇپمۇ كىچىك بالىلار توپا، قارىماي، غەيرى بويۇملارنى يەپ باقىدىغانلارمۇ بار. شۇڭا ئاشقازاندا كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ بەكلا يۇقىرى. بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئاشقازان ياللۇغىدۇر. بۇنى چوقۇم كۆپلىگەن كىشىلەر ئاڭلاپ باقتى.
ئاشقازان ياللۇغى، بەلكىم تۇرمۇشىڭىزدا ئەتراپتىكى كىشىلەردىن، بولۇپمۇ ياشلاردىن، ئاياللاردىن ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان بىر كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن. بىز ئۇيغۇرلار تولا دەيدىغان ئاشقازان كېسىلىمۇ كۆپىنچە مۇشۇ ئاشقازان ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاشقازان كېسىلى ئىچىدە، ئاشقازان يارىسى دەپمۇ دەپمۇ كېسەللىك بار. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ ئىككىسىنى بىر كېسەللىك دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ بىراز پەرقى بار.
ئاشقازان ياللۇغىدىن سىرت 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى دەپمۇ كېسەللىك بار. 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ كېسەل سەۋەبى، دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى، داۋالاش پىرىنسىپلىرىمۇ ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشىشپ كېتىدۇ.
ئاشقازان ياللۇغىنى ئىنگىلىزچە gastritis دەپ ئاتايدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ gastrit دەپ قويىدۇ. خىتايچە: 胃炎 دەپ ئاتايدۇ.
ئاشقازان يارىسىنى ئىنگىلىزچە gastric ulcer دەيدۇ. تۈركچىدىمۇ gatrik ülser دەيدۇ ۋە يا mide ulseri دەپ قويىدۇ. خەنزۇچىدە 胃溃疡دەپ ئاتايدۇ.
12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى نى ئىنگىلىزچە duodenitis دەيدۇ. تۈركچىدىمۇ gatrik ülser دەيدۇ ۋە يا mide ulseri دەپ قويىدۇ. خەنزۇچىدە 胃溃疡دەپ ئاتايدۇ.
يۇقارىدىكى كېسەللىكلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.