ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىجىگەر - بەدەننىڭ ئەڭ ئالدىراش ئورگىنى

جىگەر – بەدەننىڭ ئەڭ ئالدىراش ئورگىنى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

جىگەر: ئىنگىلىزچە: Liver ياكى تىببىي سۆزلۈكتە hepato, hepatic دەپ ئاتايدۇ. تۈركچە Karaciğer خەنزۇچە: 肝脏 دەپ ئاتايدۇ.

جىگەر بىزنىڭ ئاجايىپ مۇھىم ھەم ئالدىراش بىر ئورگىنىمىز.

قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ساغلام جىگىرى 1-2.5 كىلوگرام ئەتراپىدا رەڭگى قىزىل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.

جىگەرنىڭ رولى: بەدىنىمىز كېرەكلىك بولغان كۆپىنچە ئاقسىللارنى مۇشۇ يەردە ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، شىكەرنى پارچىلاپ ئېنىرگىيە قىلىدۇ، مايلارنى ئېرىتىدۇ، ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، قان ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ۋىتامىن ئا، د ساقلايدۇ، شىكەر ھەم مىنىرال ماددىلارنى ساقلاپ قويىدۇ، بەزى دورىلار مۇشۇ يەردە پارچىلىنىدۇ، قاندىكى زەھەر ماددىلارنى تازىلايدۇ… ئىشقىلىپ خېلى خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىپ باقىدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرى ھەم ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاش رولىمۇ بار. جىگەر بىلەن ئۆت بىر بىرىگە يېقىن. جىگەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئۆت سۇيۇقلۇقلىرى، ئۆتكە كېلىپ ساقلىنىدۇ. كېرەك بولغاندا ئۆتتىن 12 بارماق ئۈچەيگە قويۇپ بېرىلىدۇ.

جىگەرنىڭ دورىلارنى پارچىلاش رولى:

ئاغزىمىزدىن ئالغان دورىلارنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمى جىگەردە پارچىلىنىدۇ. بۇ پارچىلىنىش دىگىنىمىز، چىشىمىز بىلەن چايناپ، ئېزىپ، ئاشقازىنىمىدا ئېرىپ سۇيۇق ھالەتكە كېلىپ، ئاندىن 12 بارماق ئۈچەيدە سۈمۈرۈلۈپ، ۋىنا قان تومۇرىمىزغا كىرىدۇ. ئاندىن بەدەننىڭ باشقا يېرىگە بارماي تۇرۇپ، ئاۋۋال جىگەرگە كېلىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن دورىلارنىڭ ئاز قىسمى، ئىشلىتىلىدۇ. قالغان قىسمى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ ئاز قىسمى، ئاندىن بەدەننىڭ باشقا يېرىگە بېرىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى جىگەرنىڭ دورىنى پارچىلىشى دەپ قويىمىز.

شۇڭا جىگەر ياللۇغى، جىگەر زەئىپلىشىش كىشىلەردە دورا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تەۋسىيە قىلغاندا، بۇ دورا مەھسۇلاتنىڭ جىگەردە پارچىلىنامدۇ، جىگەرگە تەسىرى بارمۇ، بۇنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئاندىن تەۋسىيە قىلىش كېرەك. ئەمما ئۇدۇل ئاسما ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغان دورىلار، تېرىگە سۈركىگەن دورىلار، تىلنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئېرىتىپ ئىشلىتىدىغان دورىلار كۆپىنچىسىسى جىگەرگە بارماي، ئۇدۇللا تەسىر قىلدىغان يەرگە بارىدۇ. بۇ چاغدا جىگەر زەخىمگە ئۇچرىشى ئاز بولىدۇ.

جىگەر ياللۇغى، بولۇپمۇ ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، جىگەر زەئىپلىشىش، جىگەر ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەلىرى… بۇلارنى چوقۇم ئاڭلاپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

جىگەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، قوغداش توغرىلىق ھەرخىل پايدىلىق مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:02:24

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ