ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاشقازان، ئۈچەي ئادەم بەدىنىدىكى بىر قەدەر مۇھىم ئەزا، ئەگەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئاسراشقا دىققەت قىلمىسا ئاسانلا بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان يارىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى، ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئاسانلا قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، ئاچچىق كېكىرىش ۋە قارا تەرەت كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت داۋالانمىسا، راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى خالىمىسىڭىز، بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى ئاز يېيىشىڭىز تەۋسىيە قىلنىدۇ.
1. تۇزلانغان يېمەكلىكلەر: ئەگەر ئادەتتە تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق ئاشقازان مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ياساش جەريانىدا كۆپ مىقداردا تۇز تەركىبى قوشۇلۇپ، نىترىت كىسلاتا تۇزى قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان شىللىق پەردىسى ۋە ئاشقازان ئىچىدىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلىرى غىدىقلىنىپ، ئاشقازان ئىقتىدارى زەخىملىنىدۇ.
2. سىرتتىن سېتىۋالغان يېمەكلىكلەر: ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى زىچلاشتى، خىزمىتى بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، تاماق ئېتىشنى خالىمايدىغان ياكى تاماق ئېتىشكە ۋاقىت چىقىرالمايدىغان بەزى ياشلار دائىم سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ يەيدۇ، لېكىن سىرتتىن يېمەكلىك سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سەھىيە-ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەس، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدە بەزى خۇرۇچلار بار، شۇڭا بۇ ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز.
ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، تۇرمۇشتىمۇ ئۈچ خىل ئاشقازان زەخىملىنىش ئادىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك.
1. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش: كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ھاراق-تاماكا بەدەنگە ئەڭ زىيانلىق ماددا. تاماكا چېكىش ئاشقازان يارىسىنىڭ ساقىيىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ، ھەتتا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ھاراق ئىچىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي يولىنى غىدىقلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
2. تاماق يېيىش قانۇنىيەتسىز بولۇش: نۇرغۇن كىشىلەر تاماقنى ۋاقتىدا ۋە بەلگىلەنگەن نۇقتىدا يېمەيدۇ، بەزىدە ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئەگەر دائىم يېمەك-ئىچمەك تەرتىپسىز بولسا، ئاشقازان كىسلاتاسى قاتارلىق ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىمۇ تەرتىپسىز بولىدۇ، ئاشقازان بارغانسېرى سەزگۈرلىشىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى ماسلاشماي، ئاسانلا ئاشقازان كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.
3. تۈنەش: ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدىغان TFF ئاقسىلى پەقەت كەچتىلا ئاجرىلىپ چىقىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت تۈنىگەنلەر ئۇ ئاقسىلنى قۇبۇل قىلالمايدۇ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغداش كەمچىل بولسا ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئاشقازان يارىسىنى داۋالاشنىڭ ئۆزى بىر ئۇزۇن جەريان، شۇڭا بىمار ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەشكە چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك، ئاكتىپ، ساغلام پوزىتسىيە بىلەن ئاشقازان يارىسىنى داۋالىغاندا، ئاندىن زەخىملىنىشتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.