ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقئۇيقۇ دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەمدۇ؟

ئۇيقۇ دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرەلەمدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالزېيمېر كېسىلى (Alzheimer’s disease) يوشۇرۇن تەرەققىي قىلىدىغان نېرۋا سىستېمىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك. كىلىنىكىدا ئەستە تۇتۇش توسالغۇسى، سۆزلىيەلمەسلىك، بىر نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەسلىك، تونۇيالماسلىق، كۆرۈش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ھەمدە خاراكتېر ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك دېۋەڭلىك (dementia) نىڭ ئىپادىسى ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ، كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.

ئالزېيمېر كېسىلى كراخمالسىمان ئاقسىلنىڭ چوڭ مېڭىدىكى بىنورمال توپلىنىشى مۇناسىۋەتلىك، چوڭ مېڭىدىكى لىمفا توقۇلمىلىرى مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق بۇ خىل ئاقسىلنى تازىلاپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىمفا توقۇلمىلىرىنىڭ بۇ خىل پائالىيىتى ئۇخلىغاندا ئىنتايىن جانلىق بولىدىكەن، بۇ بەلكىم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىنىڭ پۈتۈن مېڭە پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار 118 پىدائىينى ئىككى يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە ساغلام كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئالزېيمېر كېسىلى بىمارلىرى ياكى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىدا، مېڭە ھەرىكىتى ۋە مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىش ئەندىزىسى ئارىسىدىكى باغلىنىشچانلىقنىڭ بىر قەدەر ئاجىز ئىكەنلىكى ھەمدە بۇ خىل ئاجىز باغلىنىشچانلىقنىڭ ھەمىشە يۇقىرى سەۋىيەدىكى كىراخمالسىمان ئاقسىلنىڭ جۇغلىنىشى ۋە ئالزېيمېر كېسىلى ئالاھىدىلىكىگە ئەگىشىپ كېلىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ تەتقىقات يېڭى ئالزېيمېر كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش تېخنىكىسىنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17878091.shtml

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-19 / 08:55:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ