ئاسپىرىن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاسپىرىن دېگەن نېمە؟

ئاسپىرىن يەنە ئاتسېتىلسالىتسىلىك ئاتسېتات (acetylsalicylic acid) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپسىز دورا بولۇپ، ستېروئىدلىق بولمىغان ياللۇغقا قارشى دورا (NSADs) تۈرىگە تەۋە. ئۇنىڭ كۆپ خىل دورىلىق رولى بار بولۇپ ، ئاغرىق توختىتىش (ئاغرىقنى پەسەيتىش)،  قىزىتما ياندۇرۇش ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ۋە قان پىلاستىنكىسىغا قارشى تۇرۇش (قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش) قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.

ئاسپىرىن

 

ئۇيغۇرچە / Uyghurche : ئاسپىرىن
ئىنگىلىزچە / English : Aspirin
تۈركچە / Türkçe : Aspirin
خەنزۇچە / 汉语 : 阿司匹林

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى: ئاتسېتىل سالىتسىلىك كىسلاتا
ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى: Acetylsalicylic acid, ASA
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى: Asetilsalisilik asit, ASA
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى: 乙酰水杨酸

خىمىيىۋىلىك تۈزىلىش فورمۇلاسى: C₉H₈O₄

ئاسپىرىن دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈندىلىك باش ئاغرىش، قىزىش ۋە يېنىك ئاغرىشنى پەسەيتىشكە ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئاكتىپ تەركىبى ئەڭ دەسلەپتە سۆگەت قوۋزىقى تەركىبىدىكى تەبىئىي ماددىدىن كەلگەن بولۇپ، ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە ئەلالاشتۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا كەم بولسا بولمايدىغان دورىغا ئايلانغان. گەرچە ئاسپىرىننىڭ كۆپ خىل ياخشى تەرەپلىرى بولسىمۇ، ئاسپىرىن ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئەكس تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، بۇ دورا بەزى كىشىلەردە ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇش ۋە قاناش كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى بار، شۇڭا قايسى ئەھۋال ۋە كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىش ۋە قانداق ۋاقىتلاردا ئىشلەتمەسلىك نۇقتىرلىرىنى ياخشى بىلىۋېلىش كېرەك

ئاسپىرىننىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى

ئاسپىرىن ئۇزۇن ھەم مول تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ ئاكتىپ تەركىبى سۆگەت قوۋزىقىدىن كەلگەن، قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىلا، گىپپوگرات سۆگەت قوۋزىقىدىن ئېلىنغان ماددىنىڭ ئاغرىق ۋە قىزىتمىنى پەسەيتىشتە ئىشلىتىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. لېكىن، ھازىرقى زامان ئاسپىرىننىڭ تەرەققىياتى 19 ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان.

1897-يىلى، گېرمانىيە بايئېر شىركىتىنىڭ خىمىيە ئالىمى فېلىكس خوفمان ئاتسېتو سالىتسىلىك كىسلاتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىنتبزلىغان، مانا بۇ بىز بۈگۈن بىلىدىغان ئاسپىرىن.1899-يىلى، بايئېر شىركىتى بۇ خىل دورىغا « ئاسپىرىن » دەپ نام بەرگەن ھەمدە سودا خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان، كېيىن ئۇ ناھايىتى تېزلا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئاسپىرىننىڭ كەشىپ قىلىنىشى ھازىرقى زامان دورا بىلەن داۋالاشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. دەسلەپتە پەقەت ئاغرىقنى پەسەيتىشكىلا ئىشلىتىلىپ، كېيىن ئۇنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ۋە قان نوكچىسىغا قارشى تۇرۇش رولى بايقالغانغا قەدەر، ئاسپىرىننىڭ تېببىي ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئۈزۈكسىز كېڭىيىپ، ھازىرغىچە تېببىي ساھەدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. بۇ خىل دورىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ قانداق قىلىپ تېبابەتچىلىكتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

 

ئاسپىرىننىڭ دورىلىق رولى مېخانىزمى

ئاسپىرىننىڭ ئاساسلىق دورىلىق رولى سىكلوئوكسىگېناز ( Cyclooxygenase , COX ) نىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلاش ئارقىلىق ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. سىكلوئوكسىگېناز پىروستاگلاندىن بىرىكتۈرىدىغان ھالقىلىق ئېنزىم، پىروستاگلاندىن بەدەندە ئاغرىق، قىزىش ۋە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. ئاسپىرىن COX نى ئەكسىگە قايتالمايدىغان دەرىجىدە ئاتسېتىللىشىش ئارقىلىق ئاراخىدونىك كىسلاتانىڭ پىروستاگلانغا ئايلىنىش يولىنى توسۇپ، ئاغرىق توختىتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش ۋە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسپىرىن يەنە قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىشىنى تورمۇزلايدۇ، بۇ ئۇنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم مېخانىزمى. تۆۋەن مىقداردا بولغاندا، ئاسپىرىن ئاساسلىقى COX-1 نى تورمۇزلاپ، قان نوكچىسى A2 نىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئازايتىپ، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ خىل قان پىلاستىنكىسىغا قارشى تۇرۇش رولى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن مىقداردا ئاسپىرىن ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىلمىي ئاساس. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاسپىرىننىڭ بۇ دورىلىق روللىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ مەنبەسىمۇ بولۇپ قالىدۇ.

 

ئاسپىرىننىڭ كىلىنىكىدا قوللىنىلىشى

ئاسپىرىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە ھەم كەڭ قوللىنىلىۋاتقان دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنادا مۇھىم ئورۇندا ئىشلىتىلىدۇ.

ئالدى بىلەن، ئۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رېتسېپسىز ئاغرىق توختىتىش دورىسى بولۇپ، يېنىك دەرىجىدىن ئوتتۇرا دەرىجىگىچە بولغان ئاغرىقنى، مەسىلەن، باش ئاغرىش، چىش ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش ۋە مۇسكۇل ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە ماس كېلىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، ئاسپىرىن قىزىتما ياندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدىغان بولۇپ، بىمارلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

ياللۇغقا قارشى تۇرۇش جەھەتتە، يۇقىرى مىقداردىكى ئاسپىرىن ھەر خىل ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى، مەسىلەن، رېماتىزم ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ۋە رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاسپىرىننىڭ ئەڭ مۇھىم زامانىۋى كلىنىكىلىق داۋالاشتا قوللىنىلىشى ئۇنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىكى رولى. تۆۋەن مىقداردىكى ئاسپىرىن (ئادەتتە كۈنىگە 75 مىللىگىرامدىن 150 مىللىگىرامغىچە) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۆلچەملىك داۋالاش بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك مېڭە سەكتىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق .

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسپىرىن يەنە جىددىي خاراكتېرلىك تاجسىمان ئارتېرىيە ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالاش لايىھەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بىمارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاسپىرىننى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە بەزى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى، بولۇپمۇ تۈز ئۈچەي راكىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، بۇ ئاسپىرىننىڭ يوشۇرۇن كىلىنىكىلىق قىممىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن.

 

ئاسپىرىننىڭ ئەكس تەسىرى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

گەرچە ئاسپىرىن كۆپ خىل داۋالاش قىممىتىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ يوشۇرۇن تەسىرى ۋە چەكلەش كېسىلىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك.

ئاسپىرىننىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەكس تەسىر ئاشقازان-ئۈچەي يولى بىئارام بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ۋە ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يولى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەكس تەسىرلەر ئاساسلىقى ئاسپىرىن ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدايدىغان پىروستاگلاندىننىڭ بىرىكىشىنى تورمۇزلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بىۋاسىتە غىدىقلايدۇ.

ئاسپىرىننىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەكس تەسىر بولسا، قان چىقىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ قان پىلاستىنكىسىغا قارشى تۇرۇش رولى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوپېراتسىيە مەزگىلىدە قاناشنىڭ كۆپىيىشى ياكى يېنىك زەخىملەنگەندىن كېيىن بىنورمال قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئاسپىرىنغا زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى بار بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاسپىرىن بۇ كىشىدە  زىيادە سەزگۈرلۈك كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، يېنىك دەرىجىدىكى ئەسۋىدىن ئېغىر دەرىجىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك شوك بولۇشقىچە. بولۇپمۇ زىققا كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن%10 -%20 كىشىدە ئاسپىرىن زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولۇپ، كانايچە سپازمىلىنىشتا ئىپادىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا ئاسپىرىن ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئاز ئۇچرايدىغان، ئەمما ئېغىر بولغان « رېيې يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ( Reye’s syndrome ) » بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە ئاسپىرىن ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ھامىلىدار ئاياللارمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۇقىرى مىقداردا ئاسپىرىن ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى ياكى تۇغۇت ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان يوشۇرۇن خەۋپلەر ۋە ئەكىس تەسىرلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، بىمار ئاسپىرىن داۋالاشنى باشلاشتىن بۇرۇن دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى، بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشنى ئويلىشىشى كېرەك.

 

ئاسپىرىننىڭ ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدىكى ئورنى ۋە ئىستىقبالى

ئاسپىرىن ئىنسانلارنىڭ مېدىتسىنا تارىخىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ بۇرۇنقى بىرىكمە دورىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر ئەسردىن ئارتۇق قوللىنىلغاندىن كېيىنمۇ ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەپ كەلمەكتە.

مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئاسپىرىننىڭ تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىغا بولغان چۈشەنچىسى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشقان، ئۇنىڭ كىلىنىكىلىق قوللىنىشىمۇ ئۈزۈكسىز ئالالاشقان.

نۆۋەتتە، ئاسپىرىن يەنىلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش داۋالاش پرىنسىپىنىڭ ئۇل تاش دورىسى ھىساپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىددىي خاراكتېرلىك تاجسىمان ئارتېرىيە يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ۋە قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك مېڭە سەكتىسى كېسىلىنى بالدۇر داۋالاشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەتقىقاتچىلار ئاسپىرىننىڭ يېڭى تىپتىكى دورا تىپى ۋە دورا بېرىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، مەسىلەن، ئۈچەيدە ئېرىگەن ئورالما ياپراقچە ۋە كونترول قىلىنىدىغان دورا ئارقىلىق ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئەكس تەسىرىنى ئازايتىپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسپىرىننىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆپ خىل چوڭ تىپتىكى كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەر ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن مىقداردىكى ئاسپىرىن ئىشلىتىشنىڭ ھەر خىل راك كېسىلى خەۋپ-خەتىرىگە بولغان تەسىرىنى باھالاۋاتىدۇ.

دەل جايىدا داۋالاش پرىنسىپىىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلار بەلكىم شەخسنىڭ گېن ئالاھىدىلىكى ۋە خەۋپ-خەتەر ئامىلىغا ئاساسەن، خاسلىققا ئىگە ئاسپىرىن ئىشلىتىش تاكتىكىسى ئۈستىدە ئىلگىرلەشلەر بولۇشى مۇمكىن.

ئاسپىرىن گەرچە يېڭى تىپتىكى قان پىلاستىنكىسىغا قارشى دورىلار رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئاسپىرىن تۆۋەن تەننەرخ، بىخەتەرلىك ۋە ئۈنۈم قاتارلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۇنيا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىدا ھېلىھەم مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.

 

ئاسپىرىننى توغرا ئىشلىتىش

ئادەتتىكى ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاسپىرىندىن توغرا پايدىلىنىش ئىنتايىن مۇھىم.

ئالدى بىلەن، دوختۇرنىڭ تەكلىپى ئالماي تۇرۇپ، ئاسپىرىننى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن ساقىنىش كېرەك.  چۈنكى ئاسپىرىننىڭ يۈرەك قان تومۇر ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى پايدىسى بىلەن ئاشقازان قاناش خەۋپى ئارىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇقنى تېپىش كېرەك. ئەگەر دوختۇر ئاسپىرىننى تۆۋەن مىقداردا ئىچىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسا، بىمارلار تەۋسىيە قىلىنغان مىقدارغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئادەتتە ھەر كۈنى 75 مىللىگىرامدىن 100 مىللىگىرامغىچە بولىدۇ.

قىسقا مۇددەت ئاسپىرىن ئىشلىتىپ ئاغرىقنى پەسەيتىش ياكى تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە نىسبەتەن، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دورا مىقدارى ئادەتتە ھەر قېتىمدا 500-1000 مىللىگىرام بولىدۇ، ھەر كۈنى 4 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى 3-5 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئاسپىرىن ئىستېمال قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن يېتەرلىك سۇ قوشۇپ، ئاشقازاننىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. ئۈچەيدە ئېرىيدىغان تابلېتكىلارنى يېگەندە چاينىماسلىق كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئۈچەيدە ئېرىش خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

بىمار ئاسپىرىن ئىشلەتكەن مەزگىلدە ئاشقازان بىئارام بولۇش، قارا تەرەت قىلىش، ئەسۋە ياكى بىنورمال قاناش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنىڭ كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئوپېراتسىيە ياكى چىش كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىشتىن بۇرۇن، دوختۇرغا ئاسپىرىن ئىچىۋاتقانلىقىنى، دورا ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىش كېرەك.

ئاخىرىدا، ئاسپىرىننى بالىلار ئالالمايدىغان جايغا قويۇپ ساقلاش لازىم. مۇۋاپىق ئىشلىتىش ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق، ئاسپىرىننىڭ داۋالاش قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگىلى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-04-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-04-13 / 07:57:24

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ