ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرقىزىقارلىق ئۇچۇرلارھامىلىدار ئانىلار تاماكا چەكسە بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

ھامىلىدار ئانىلار تاماكا چەكسە بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتىتى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانىنىڭ تۇغۇتتىن ئىلگىرى تاماكا چېكىشى بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

ئەگەر بىر ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چەكسە، تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار تۇغۇلمىغان بوۋاققا زىيان يەتكۈزىدۇ. بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇغۇتتىن ئىلگىرى تاماكا چېكىش پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى «خۇمار قىلمىشى» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىندى.

ھامىلىدار ئانىلار تاماكا چەكسە بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن

جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن كوتىن ئۇنىۋېرسىتىتى ، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە سەھىيە تەتقىقات يۇرتى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات كوللېكتىپى 19 تۈرلۈك تەتقىقات ۋە 1 مىليون 250 مىڭ قاتناشقۇچىنى سىستېمىلىق خاتىرىلاپ سىتاتىسكىلىغان. تەتقىقاتنىڭ 79 % دوكلاتتا بايقىلىشىچە، ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن بۇرۇن تاماكا چېكىشى كەلگۈسىدە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مەزكۇر تەتقىقاتچىلار كوللېكتىپ يەنە 723877 نەپەر قاتناشقۇچىغا چېتىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئاساسلىق تەتقىقاتنى تەھلىل قىلدى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئانىسى تاماكا چېكىدىغان مۇھىتتا قالمىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، تاماكا چېكىدىغان ھامىلىدار ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىق ئېھتىماللىقى %49 يۇقىرى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇغۇتتىن ئىلگىرى تاماكا چېكىش كۆپ خىل ھامىلىدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ بويىدىن ئاجراش، ئۆلۈك تۇغۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش چەكلىمىگە ئۇچراش ۋە كەمتۈك تۇغۇلۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ يەنە ناچار پىسخىك ساغلاملىق نەتىجىسى ۋە ھەرىكەت مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

مەنبە:
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتىتى خەۋىرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-30 / 09:20:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ