دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
31 تانە باھا سۆزى بار
4573 يازمىسى بار

ئۈستۈنكى قورساق ئىششىق مۇنەك

يۇقىرىقى قورساق قىسمىدىكى مونەك ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بېزى، جىگەر ۋە ئۆت خالتىسى قاتارلىق ئەزا رايونلىرىدا كۆرۈلگەن تۇتقىلى بولىدىغان غەيرىي ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئەيدىزدىن مۇنداقمۇ يۇقۇملىنىش بولىدۇ

ھەممە ماڭا نەچچە خىل گۇمانىي نەزىرى بىلەن قارىماقتا، بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئاكام، ئاچام، سىڭلىم، ھەتتا مەن بىلەن شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىتلار بىرگە يۈرگەن دوستلۇرۇممۇ بار. يولدا كېتىۋاتقىنىمدا بولسۇن، سودا سارايلاردا بازار ئايلىنىپ كېتىۋاتقىنىمدا بولسۇن، تورخانىغا كىرىپ ئولتۇرغان ياكى ئاشخانىلاردا تاماققا كىرگەن ۋاقتىم بولسۇن، ھەممە ماڭا شۇنداق قاراشماقتا.

ئىشتىھاسى ئازىيىش

ئىشتىھانىڭ ئازىيىشى يېمەكلىككە بولغان قىزىقىش ۋە ئارزۇنىڭ تۆۋەنلەپ، قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىك مىقدارىنىڭ ئازىيىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۆت سانجىقى ئاغرىقى

ئۆت سانجىقى ئۆت خالتىسى ياكى ئۆت نەيچىسىنىڭ توسۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان قاتتىق ئاغرىقنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى كۆزدىكى ئۆزگىرىشلەر قاراپ پەرەز قىلىش

كۆزنىڭ ئەسلى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 1- قان مىزاج ئادەملەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى قىزىلغا مايىل ئاق كېلىدۇ.

بەدەندە ئېغىر كېسەل بارلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەتلەر

بەدەندە ئېغىر كېسەل بارلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەتلەر

كەيپىياتنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە بولغان تەسىرى

تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك پەيدا بولۇش ئامىلى كۆپ خىل بىيولوگىيەلىك ئامىللار ۋە پىسخىكىلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىيولوگىيەلىك ئامىللىرى ياش، جىنس، بەدەن ئېغىرلىقى، ئىرسىيەت مايىللىقى، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى ئاجىزلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پىسخىكىلىق ئىجتىمائىي ئامىللار پىسخىكىلىق سېزىمچانلىقى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئادەت، خاراكتېر، ھەرىكەت تىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

زادى قانداق ئۇخلىسا، قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن: «مەن بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ بولۇپلا ئۇخلايمەن. باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، سەككىز سائەت ئۇخلىسىلا تۈنەش ھېسابلانمايدىكەن. بىردەم ئويۇن ئوينىغاندىن كېيىن سەككىز سائەت ئۇخلىۋەتسەم ھېچ ئىش بولمايدۇ.» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە، «سەككىز سائەتلىك ئۇيقۇ نەزەرىيەسى» توغرا ئەمەس!

قان قۇسۇش

قان قۇسۇش ئېغىز بوشلۇقى، گال، قىزىلۆڭگەچ، ئاشقازان ياكى ئون ئىككى بارماق ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم يوللىرىدا قان پەيدا بولۇش ھەمدە يېمەكلىك ياكى شۆلگەي بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى چىرايىغا قاراپ پەرەز قىلىش

بىمارنىڭ جىمغۇر بولۇپ قېلىشى،ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان ئېغىر ئۇيقۇ ۋە پىكىر خىيالىنىڭ بۇزۇلۇش كېسىلىدىن ئىبارەت.