ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ھەققىدە ھىكايە ۋە ئىبرەتلەرئەيدىزدىن مۇنداقمۇ يۇقۇملىنىش بولىدۇ

ئەيدىزدىن مۇنداقمۇ يۇقۇملىنىش بولىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەممە ماڭا نەچچە خىل گۇمانىي نەزىرى بىلەن قارىماقتا، بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئاكام، ئاچام، سىڭلىم، ھەتتا مەن بىلەن شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىتلار بىرگە يۈرگەن دوستلۇرۇممۇ بار. يولدا كېتىۋاتقىنىمدا بولسۇن، سودا سارايلاردا بازار ئايلىنىپ كېتىۋاتقىنىمدا بولسۇن، تورخانىغا كىرىپ ئولتۇرغان ياكى ئاشخانىلاردا تاماققا كىرگەن ۋاقتىم بولسۇن، ھەممە ماڭا شۇنداق قاراشماقتا.

بەزىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقىنىمدا، قارا ئاۋۇ بالىچۇ دادىسىنىڭ تاپقان پۇلىغا قىمار ئويناپ، پاھىشلەر بىلەن كېچىسى ياتاقلاردا بىللە يېتىپ ئەيدىز بولۇپ قاپتۇ دىسە، يەنە بەزىلەر ئاۋۇ ئاداش ئاق چىكىپ ئاخىرى ئەيدىز بولۇپ قاپتۇ دېگەندەك خىلمۇ-خىل گەپلەرنى بىر بىرىگە قىلىشماقتا. سىڭلىم بولسا مەندەك بىر ئاكىسىدىن كەچكەن ئىدى. سەن بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يۈزىنى قارا قىلدىڭ. نىجىس ئاقنى چەكتىڭ. ئەمدى سەندەك ئاكام يوق يوقال! دەۋەتكەن ئىدى. ئاكام بولسا سەن نەدىكى پاسكىنىلار بىلەن يۈرۈپ بۇ نىجىس كېسەلنى يۇقتۇرۇپ كەپسەن، ئەمدى ئۆيگە دەسسىگۈچى بولما. ئۆيگە كىرسەڭ يا ئۆيدە سەن تۇرسەن، يا مەن تۇرىمەن دىدى. ئاچام بولسا بىر ئېغىزمۇ تىنمىدى، لېكىن ماڭا ئىچىدە نەپرەت ئوقۇپ تىللاپ قارغاپ قىلۋەتكەنلىكى كۆزىدىن چىقىپلا تۇراتتى. دادام بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. يوقلاپ باراي دىسەم تېخىمۇ ئىغىر بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتىم، شۇڭلاشقا بارمىدىم. مەن ئالماقچى بولغان قىز تېخى خەۋەرسىز ئىدى، بەلكىم بىلىپ بولغاندۇ، ئۇمۇ نەچچە مىڭ خىياللاردا بولغاندۇ. ئاكام، ئاچام، سىڭلىمغا چۈشەندۈرۈشكە قەتئىيلا پۇرسەت بولمىدى. بىردىن-بىر مىھرىبان ئاناملا ماڭا ئىشىنەتتى، ئانامغا بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىنى بىرنىمۇ قويماي ئېيتىپ بەرگەندە ئانام يىغلاپ تۇرۇپ، نېمىمۇ قىلاتتىڭ جېنىم بالام جان قۇتقۇزىمەن دېگۈچە ئۆزۈڭنىڭ جېنى بىلەن بولساڭ بولماسمىدى دەپ مېنى باغرىغا بېسىپ شۇنداق يىغلاپ كەتكەندى.

بىز تۆت بالا ئالتە جان ئىدۇق. دادامنىڭ كىچىك بولسىمۇ بىر شىركىتى بار. ئاكام بولسا دۆلەت كادىرى. ئاچام ئوقۇتقۇچى، سىڭلىم ئالى مەكتەپكە بۇ يىل يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغاندى. مەن كىچىكىمدىن كېسەلچان بولغاچقا مەكتەپتە تولۇق ئوقىيالماي دادامنىڭ شىركىتىگە قاراشقان ئىدىم.

ئائىلىمىز شۇنداق بەختلىك ئىدى.

بىر كۈنى شىركەتتىن كەچرەك قايتتىم، ئۆيگە كېتىۋاتسام بىر يەردە قاتناش ۋەقەسى بولۇپتۇ، خېلى ئېغىركەن، شۇنىڭ بىلەن ماشىنامنى بىر چەتكە قويۇپ جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ياردەملىشىپ ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرنى ماشىنىدىن چىقاردۇق. ماشىنىدا تۆت ئادەم بولۇپ ئىككىسى ئوغۇل، ئىككسىى قىز ئىدى. بىر قىز خېلى ئېغىر يارىلانغان، يەنە بىرسىنىڭمۇ يەڭگىل دېگەندە پۇت قوللىرى سۇنغان ئىدى. ئوغۇللارنىڭمۇ ئېغىر ئىدى. بىرىنىڭ تىنىقى توختاپ بولغان، يەنە بىرىنىڭ ھەممە يېرى قان. ماشىنىدىن چىقارغۇچە ئەينەكنىڭ سۇنىقى بىلىكىمنى ئازراق كىسىپ قان چىقىرۋەتتى، جان قۇتقۇزۇش مۇھىمدە، بىلىكىم بىلەن كارىم بولماي ماشىنىدىكىلەرنى تەستە ماشىنىدىن چىقاردۇق. بىرى ئۆلگەن بولدى. ئۈچەيلەننى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى. مىنىڭ بېلكىمنىمۇ بىر سېستىرا ئازراق دورا سۈركەپ تېڭىپ قويدى. مەنمۇ ئۆيگە قايتتىم. ئۆيگە كىرسەم ئانام كۆرۈپ ۋاي جېنىم بالام قولۇڭغا نېمە بولدى دەپ يۈگىرەپ كەلدى، بولغان ئىشلارنى بىر قۇر دەپ بېرىپ تامىقىمنى يەپ كىرىپ ياتتىم.

مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئازغىنە كەم بىر يېرىم يىل بولۇپتۇ. ئالدىنقى ھەپتە ئۆيدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن، ئۇزۇندىن بىرى يۈرۈۋاتقان قىز دوستۇم بىلەن توي قىلىشقا ئۆيدىكىلەر دېىيىشىپ، توي خېتىگە كەلگەن ئىدۇق. بۇ يەردە بەدەن تەكشۈرتۈپ، قان تەكشۈرتۈپ كىرىڭلا دېگەندىن كېيىن چىقىپ ھەممىنى تەكشۈرتۈپ كىردۇق، نەتىجىسى ئەتە چىقىدۇ، ئەتە كېلىڭلار دەپ يولغا سالدى. ئەتىسى بارسام قېنىڭىزدا ئازىراق مەسىلە باركەن، ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىڭ، چوڭ قان تەكشۈرەش ئورنىغا يوللاپ بەردۇق دېدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن بارسام بىر دوختۇر مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ ئەكىرىپ بىردەم پاراڭلاشتۇق، ئۇيان-بۇياننىڭ گەپلىرىنى قىلىپ بىردەم ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن ماڭا ئۇدۇل قاراپ تۇرۇپ: ئۇكام مەن ساڭا بەزى بىر گەپلەرنى دېمەكچى بەرداشلىق بىرەلەمسەن، دەپ سورىدى، مەنمۇ جاۋابەن بېشىمنى لىڭىشتتىم، دوختۇر باشلىدى. سەن بۇرۇن نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ ئاق چەككەننمۇ؟ ياكى بىرەر كېچە بىلىپ-بىلمەي ياتاقتا بىرەرسى بىلەن يېتىپ قالغانمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئاچچىقىم كېلىپ، نېمە دەۋاتسىز دەپ چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. دوختۇر ئۆزۈڭنى بېسىۋال ئۇكام، ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى ئېيتاي، لېكىن ئۆزۈڭنى بېسىۋال، باتۇر بول دېدى. سەل جىددىيلىشىشكەن بولساممۇ ئاۋازىمنى تەستە چىقرىپ ئاران  نېمە شۇم خەۋەر دەپ سورىدىم. دوختۇر ئېغىر بىرنى تىنىۋىتىپ: سەن ئەيدىزكەنسەن…

ئەيدىز دېگەن گەپنى ئاڭلاپ كۆزۈم قاراڭغۇلۇشۇپ ئورنۇمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم، دوختۇر ماڭا يەنە گەپ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. لېكىن بىر ئېغىز گېپىمۇ ماڭا ئاڭلانمايتى،ئاڭلىيالمايتىم. شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. كېيىن ئاكامنى چاقىرىتىپ بولغان ئەھۋاللارنى دەپتۇ، ئاكام بولسا ھەممىنى ئۆيدىكىلەرگە دەپ بولغان بولۇپ بايىقىدەك پاجىئە كېلىپ چىققان ئىدى. ئەمدى كىملەرگە چۈشۈندۈرەي. كىملەردىن قېچىپ يۈرەي، بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلاي ماڭا ھېچكىم ئىشەنمەيتى. كۈنلۈرۈم بىر خىل قورقۇنۇش، ئازاب، روھسىز، خۇددى جېنى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئۆتمەكتە. نەچچە كۈن تالاغىمۇ چىقماي دادام مېنىڭ تويۇمغا ئاتاپ ئېلىپ بەرگەن ئۆيدە ئېغىزىمغا گىياھ سالماي يېتىپ كەتتىم. ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە بارماقچى بولۇپ تەييارلىق قىلدىم. قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيدىن چىقتىم دە، ماشىنامغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا باردىم. ئىزدەپ دېگەندەك تەستە مىڭىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىكى مەن ياردەملىشىپ كىچىدە ماشىنا ۋەقەسدە بار بولغان بىر دوختۇرنى تاپتىم، ئاندىن بولغان ئەھۋاللارنى دەپ يىغلاپ كەتتتىم. ئۇ دوختۇرمۇ بەكلا ھەيران قالدى ھەم ماڭا ئىچ ئاغىرتىپ كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردى. ئۇنىڭغىچە ھېلىقى سىسىتىرامۇ كەلدى بولغان ئىشلارنى بىلگەن چىغى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا ياش تۆكۈۋاتاتتى. ئائىلەمنىڭ ئىشلىرىنى ئۇققاندىن كېيىن بىر سېستىرا، ئىككى دوختۇر مەن بىلەن دادامنى يوقلاپ باردۇق ھەم دادامغا بولغان ئەھۋاللارنى بىرمۇ-بىر ئېيتتۇق. داداممۇ ئەمدى ھەممىنى بىلگەنمۇ بولدىيۇ، لېكىن يەنلا بۇ قاباھەتكە ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئاقلاندىم، لېكىن بەدىنىمدىكى بۇ كېسەل مەڭگۈ ئاقلانمايدۇ.

ئايگۈلمۇ (مەن توي قىلماقچى بولغان، بىردىن-بىر ياخشى كۆرىدىغان قىز) بارلىق ئىشلاردىن خەۋەر تىپىپ بولغانىكەن. ئۆيگە يوقلاپ كېلىپ ماڭا ئېسلىپ تۇرۇپ شۇنداق يىغلاپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلار ھەممىگە ئايدىڭ بولدى.

ئايگۈلمۇ ماڭا كۈندە دېگۈدەك ھەمراھ ئىدى. ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ بىرگە ئۆتەي دەپ بىللە تاماق يەپ، بىللە ئايلىنىپ دېگەندەك.

ھاياتىمنىڭ يەنە قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، قاچان، قانداق ۋاقىتتا، قەيەدە ئۇ ئالەمگە كېتىشىمنى پەقەت تەڭرىلا بىلىدۇ، مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە بولسىمۇ ئازراق ياخشى ئىش قىلاي دەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئورنىدا پىدايى بولدۇم.

شىنجاڭ ئەيدىز تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ