دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
28 تانە باھا سۆزى بار
4386 يازمىسى بار

نەپەسلەنگەندە يۈز قىسمى كۆپۈش ۋە چۆكۈش

نەپەس ئالغاندا يۈز قىسمىنىڭ كۆپۈشى ۋە چۆكۈشى نورمال ھادىسە بولۇپ، بۇنى نەپەس مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى ۋە بوشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەپەس ئالغاندا، دىئافراگما مۇسكۇلى ۋە سىرتقى قوۋۇرغا ئارىلىق مۇسكۇلى قىسقىراپ، كۆكرەك بوشلۇقى كېڭىيىپ، ئۆپكە ھاۋانى سۈمۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇللارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كېڭىيىدۇ. نەپەس چىقارغاندا بۇ مۇسكۇللار بوشىشىپ، كۆكرەك بوشلۇقى كىچىكلەپ، ئۆپكىدىن ھاۋا چىقىپ، يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇللارمۇ ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ.

ئەيدىز يۇقۇملىنىشتىكى 4 باسقۇچ

ئەيدىز ۋىرۇسى  ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىشتىن باشلاپ، كېسەللىك قوزغالغۇچە بىر تولۇق تەبىئي جەريان بار بولۇپ، كىلىنىكىدا بۇ جەريان تۆت باسقۇچقا بۆلىنىدۇ: يەنى ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرى، يوشۇرۇن دەۋرى، ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك دەۋرى، تىپىك ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى.

يۈرەك قان چىقىرىش مىقتارى ئازىيىش

يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشى يۈرەكنىڭ مىنۇتىغا چىقىرىدىغان قان مىقدارىنىڭ نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بەدەندىكى ئەزالارغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، چارچاش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى قانداق بولىدۇ؟

ھەممىمىزگە مەلۇم ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئۈچ خىل بولىدۇ. يەنى قان ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش قاتارلىقلار. ئەمما بۇ ئۈچ خىل يولدىن يۇقۇش نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ .

ھامىلىدارلار شۇنچە ياخشى يېسىمۇ نېمىشقا يەنە كەم قان بولۇپ قالىدۇ؟

كەم قانلىق ئوزۇقلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر خىل كېسەللىك. كەم قانلىق ئانىنى ماغدۇرسىز، يۈرىكى سالىدىغان، بېشى قايىدىغان قىلىپ قويغاندىن باشقا، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

كانايچە ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش

كانايچە ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپىيىشى كانايچىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ، يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئاستا خاراكتېرلىك توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى ( COPD ) ،زىققا قاتارلىق نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىدە يۈز بېرىدۇ.

بوۋاسىر (گېموروي)، سوڭ ئاقمىسى، مەقئەت يېرىلىش رەسىملىك كۆرۈنۈشى

مەزكۇر رەسىمدە بوۋاسىر (گېموروي)، سوڭ ئاقمىسى، مەقئەت يېرىلىشلارنىڭ رەسىملىك كۆرۈنۈشى بېرىلگەن ۋە قىسقىچە تونۇشۇرۇپ چىقىمىز.

نورمال مەقئەت ۋە گېموروي (بوۋاسىر) رەسىملىك كۆرۈنۈشى

يۇقارىدا نورمال مەقئەت ۋە بوۋاسىر بولغان مەقئەتنىڭ كەسمە رەسىمى بېرىلگەن.  بوۋاسىر مەقئەت ۋە تۈز ئۈچەي ئەتراپىدىكى قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى ۋە پولتىيىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە ئىچكى بوۋاسىر ۋە تاشقى بوۋاسىر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

يېڭى لازىنىڭ ئالتە چوڭ پايدىسى بار

يېڭى لازا تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە B ئائىلىسىدىكىۋىتامىن، كاروتىن ھەمدە كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ.

بالىلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق بولغان 5 خىل مېۋە

بالىلىق دەۋر بولسا ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى بولۇپ، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. مېۋىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە مول يېمەكلىك تالالىرى بار بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى سىلىقلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە خىل مېۋىنىڭ كۆزنى ئاسراش جەھەتتىمۇ ئالاھىدە ئۈنۈمى بار ئىكەن.