ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىھامىلىدارلار شۇنچە ياخشى يېسىمۇ نېمىشقا يەنە كەم قان بولۇپ قالىدۇ؟

ھامىلىدارلار شۇنچە ياخشى يېسىمۇ نېمىشقا يەنە كەم قان بولۇپ قالىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كەم قانلىق ئوزۇقلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر خىل كېسەللىك. كەم قانلىق ئانىنى ماغدۇرسىز، يۈرىكى سالىدىغان، بېشى قايىدىغان قىلىپ قويغاندىن باشقا، ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھامىلىدارلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. لېكىن تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە ھامىلىدارلارنىڭ كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30 ~ %10كىچەبولغان. نۇرغۇن ھامىلىدارلاردا يېنىك دەرىجىدە ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدە كەم قانلىق كۆرۈلسە، ئۆزى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا، كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا قاننى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

ھامىلىدار مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كەم قانلىق _ تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، يەنە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان كەم قانلىقنى كۆرسىتىدۇ. تۆمۈر، كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىغىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ھامىلىگىمۇ يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئانا بەدىنىدىكى قان ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى مەزگىلدىكىدىن%50 ~ %30كىچە كۆپىيىدۇ. گېموگلوبىننىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېھتىياجغا قاراپ قانمۇ تولۇقلىنىدۇ.

ھازىر ھامىلىدارلارنىڭ ئوزۇقى شۇنچە ياخشى تۇرسا يەنە نېمە ئۈچۈن كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ؟ چۈنكى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئىلمىي ئوزۇقلۇق تولۇقلاش لازىم. مەسىلەن: شورپىنىلا ئىچىپ گۆش يېمىسە، قوبۇل قىلىدىغان مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ. ياخشى بولغان غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت كەمچىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بىرىكمە ۋىتامىننى ئىزچىل يەپ بەرگەندە، ئاز مىقداردىكى تۆمۈر ئېلېمىنتىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈردىكى ئايال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاسان كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ: ئەسلىدىنلا كەم قانلىق كېسىلى بار ئاياللار؛ كۆپ قېتىم ھامىلىدار بولغانلار؛ بىر يىل ئىچىدە ئۇدا ھامىلىدار بولغان ئاياللار؛ گۆشسىز تاماق يەيدىغان ئاياللار.

تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش كېرەك. ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىك قېنىق رەڭلىك كۆكتات، بېلىق تۈرىدىكى، قۇش تۈرىدىكى ھەمدە قىزىل گۆشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كەم قانلىق ئېغىر بولغانلار يېمەكلىككە تايىنىپلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىش كېرەك.

يېمەكلىكنىڭتۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تورمۇزلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەكلىك يېيىشتىن بىر سائەت بۇرۇن تۆمۈر ماددىسى بار يېمەكلىكلەرنى ھەمدە ۋىتامىن Cنى قوشۇپ يېيىش كېرەك.

ئومۇمەن، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، مۇۋاپىق يەپ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تۆمۈر كەملىك تۈرىدىكى كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
4
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-06-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-25 / 07:00:13

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ