دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
28 تانە باھا سۆزى بار
4403 يازمىسى بار

ئەرلەردىكى تىل زۇلۇمى

ئائىلە زۇلۇمى دۇمبالاشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، تىل زۇلۇمىمۇ كىشىنى روھىي جەھەتتىن ئازابلايدۇ. ئۇنداقتا ئەرلەردىكى تىل زۇلۇمى قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟

ئەر ئاياللار ئارىسىدىكى كىچىك سىرلار

ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىگە موھتاج، ئاياللار ئەرلەرنىڭ زوقلىنىشىغا موھتاج؛ ئەرلەر دادا بولغاندا دادىسىنى چۈشىنىدۇ، ئاياللار ئانا بولغاندا ئانىسىنى چۈشىنىدۇ؛

زۇكام بولغاندا تاتلىق يېمەكلىك يېمەڭ

زۇكام بولغاندا ئاغزىمىزنىڭ تەمسىز ۋە ئىشتىيىمىزنىڭ ناچار بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىمىز. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب: زۇكام بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ھەزىم قىلىش پېرمېنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلىشى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دائىم بېشىڭىز ئاغرىسا بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

باش ئاغرىسا، بۇرنىدىن ماڭقا ئاقسا، بۇ زۇكام بولغانلىقنىڭ ئالامىتى، بۇنى يەنە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بولسا، بۇرۇن كاۋىكى شىللىق پەردىلىرىدىكى ئالاھىدە خاس بولمىغان ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت. زۇكام ئاساسلىقى باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىنىچكە كۆزەتكەندىلا، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ئاسانلا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.

‹‹يۆتەل توختىتىش›› بىلەن ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› بىر گەپ ئەمەس

نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىرىنى داۋالايدىغان بىر قىسىم جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ‹‹يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدۇ›› دېگەندەك خەتلەرنى كۆرىمىز. نۇرغۇن كىشى يۆتىلىپ قالسا ياكى بەلغەم تۈكۈرسە ‹‹يۆتەل توختىتىش››، ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› تەك قوش رولغا ئىگە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تاللايدۇ.

ئەرلەر ساغلاملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ «ئىزباسار» لىرىدۇر. مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئەرلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان، تەكرار قوزغالغان كېسەللىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىشماقتا. چۈنكى، ئۇلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىنىۋاتقانلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشمەيدۇ، ئادەتتە تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلمايدۇ.

يىغلىغاندا كۆز يېشى ئاقماسلىق

1. كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كۆز قۇرغاقلىشىش، ئاغرىش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

كالپۇك قۇيرۇقىدا سۆسۈن تۈگۈنچە

1. قان تومۇر ئۆسمىسى قان تومۇر ئۆسمىسى بىر خىل ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ، ئادەتتە قان تومۇر ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىنورمال ئۆسۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ ھەرقانداق ئورۇندا پەيدا بولىدۇ، كالپۇك ۋە قۇيرۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قان تومۇر ئۆسمىسى ئادەتتە قىزىل ياكى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چوڭىيىشى مۇمكىن.

چاچ ئۇچى يېرىلىش

1. قۇرۇتۇش چاچتا سۇ ۋە ماي كەمچىل بولغاچقا، ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ ئاجىزلىشىپ، چاچ ئۇچى يېرىلىپ كېتىدۇ. 2. بوياش ۋە دەزماللاش دائىم چاچ بوياش ۋە بۈدرە قىلىش چاچنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ، چاچنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

چاچ ئاقىرىش

چاچنىڭ ئاقىرىشى چاچنىڭ پىگمېنتىنى تەدرىجىي يوقىتىپ، ئاق ياكى كۈل رەڭگە ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئادەتتە ياشنىڭ چوڭىيىشى، ئىرسىيەت ئامىلى، بېسىم، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كېسەللىك ۋە دورا قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.