ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقزۇكام بولغاندا تاتلىق يېمەكلىك يېمەڭ

زۇكام بولغاندا تاتلىق يېمەكلىك يېمەڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

زۇكام بولغاندا ئاغزىمىزنىڭ تەمسىز ۋە ئىشتىيىمىزنىڭ ناچار بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىمىز. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب: زۇكام بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ھەزىم قىلىش پېرمېنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلىشى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنداق چاغدا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، بەدەندىكى نۇرغۇن شېكەر پارچىلىنىپ قانغا ئورۇنلىشىپ، زور مىقداردىكى ۋىتامىنلار سەرىپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ۋىتامىن تەركىبلىرى ئازىيىدۇ. بۇ ۋىتامىنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ – دە، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ئىشتىھانىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر ماددىسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، پېرمېنتلارنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پېرمېنتلار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا قارىتا چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شېكەر تەركىبى ماددا ئالمىشىش جاريانىدا زور مىقداردىكى پىروۋىك كىسلاتاسى ۋە سۈت كىسلاتاسىدەك كىسلاتالىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، ئورگانىزملارنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ – دە، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە زىيان سالىدۇ.

(مۇھەممەت تۇراپ تەرجىمىسى)
تەڭرىتاغ تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-09 / 07:52:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ