دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4504 يازمىسى بار

بالىغا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلاردا ئىسسىقلىق (痱子) ئۆرلەپ كېتىدىغان، يەلتاشما چىقىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇدۇرۇق بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنىڭ پۈرۈلگەن قىسمىغا تېخىمۇ ئاسان ئىسسىقلىق ئۆرلەيدۇ، ئۇنداقتا يازدا بۇنداق ئەھۋاللارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك، ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

راك كېسىلى زادى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

راك كېسىلى بىر خىل گېننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىۋاتقان گېنلار ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى، بولۇپمۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ قانداق ئۆسۈشى ۋە بۆلۈنۈشىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېن ئۆزگىرىشى بەلكىم ئاتا-ئانىسىدىن ئىرسىيەت قېلىشى مۇمكىن، بەلكىم تۇغۇلغاندىن كېيىن بىنورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ئالاھىدە مۇھىتتا ئاشكارىلىنىپ DNAنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

بۆرەك ئاجىز كىشىلەر ئۈچ خىل ناچار ئادەتنى چوقۇم تاشلاش كېرەك

بىرىنچى: سۈيدۈكنى قىسىش. خىزمەت ئالدىراش، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردە سۈيدۈكنى قىسىش ئادىتى بار، لېكىن بۇ خىل ئادەتنى دەرھال ئۆزگەرتمىگەندە، بۆرەككە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

نېمىشقا دىيابېت بىمارلىرىغا كۆز تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟

دىيابېت كېسىلى كۆپ ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلار ۋە نېرۋا ئۇچلىرى بۇزۇلۇپ، بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆزمۇ بار.

ھاراقنىڭ ئىسپېرمىغا بولغان تەسىرى زادى قانچىلىك چوڭ؟

بىر قېتىم ھاراق ئىچسە ئىسپېرمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋاقىت ھاراق ئىچىش مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ھەپتىلىك ئىسپېرمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاپ ساقايتىش نېمە ئۈچۈن تەس؟

يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاشنىڭ قىيىن نۇقتىسى نېمە؟ ئىگىلىنىشىچە، داۋالاش تەس بولغان يۇقىرى قان بېسىم (难治性高血压) دېگىنىمىز، بىمارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ئاساسىدا ئۈچ خىل قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، قان بېسىمى يەنىلا 140/90 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ بەش خىل ناچار تۇرمۇش ئادىتى سىزنى بارغانسېرى سەمرىتىۋېتىدۇ!

تۆۋەندىكى يامان ئادەتلەر سەمرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قاراپ بېقىڭ، سىزدە بۇنداق ئەھۋال بارمۇ؟

كۆكرەك قەپىسى بىنورمال بولۇش

كۆكرەك قەپىسىنىڭ بىنورماللىقى دېگىنىمىز، كۆكرەك قىسمىدىكى سۆڭەك، مۇسكۇل ۋە يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى ياكى ئىقتىدارىدا بىنورماللىق يۈز بېرىپ، كۆكرەك قەپىسىنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى، سىممېترىكلىكى قاتارلىقلاردا بىنورماللىق پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ۋە يۈرەك ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

گولدېنخار سېندرومى (كىچىك بالىلاردىكى كۆز – قۇلاق – ئومۇرتقا يىغىندى ئالامىتى)

كىچىك بالىلاردىكى كۆز - قۇلاق - ئومۇرتقا سىندرومى ( OAVS ) يەنە Goldenhar سىندرومى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۆۋەنكى جاغ - يۈز سۆڭىكى تولۇق يېتىلمەسلىك - كۆز ئالمىسى ئېپىتېلىيىسىمان خالتىلىق ئىششىق سىندرومى، كۆز - تۈۋرۈكنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكى، قۇلاق - ئومۇرتقا سىندرومى، كۆز - قۇلاق - ئومۇرتقىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق يىغىندى ئالامىتى، يۈز - ئاڭلاش - تۈۋرۈكنىڭ نورمالسىزلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خىل كۆز، قۇلاق ۋە يۈز، تۈۋرۈك غەيرىيلىكى ئاساسلىق كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى بولغان تۇغما كېسەللىك ئالامىتى.

تېرە كېسىلى بار بالىلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىك كېرەك

بەزى بالىلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندىن كېيىن تېرىسى قىچىشىدۇ ياكى ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ . چۈنكى ئىچىملىك تەركىبىدىكى (بولۇپمۇ مەخسۇس بالىلار ئىچىملىكىدە) قەنت ، مۇئەتتەر ، پېگمېنت ، ئاقسىل ، ساخارىد ۋە ھەر خىل مېۋە سۈيى قاتارلىقلار بولۇپ ، بۇ ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەم بەدىنىدە ئاسانلا سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ .