ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بالىلاردا ئىسسىقلىق (痱子) ئۆرلەپ كېتىدىغان، يەلتاشما چىقىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇدۇرۇق بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنىڭ پۈرۈلگەن قىسمىغا تېخىمۇ ئاسان ئىسسىقلىق ئۆرلەيدۇ، ئۇنداقتا يازدا بۇنداق ئەھۋاللارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك، ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
1. ئىسسىقلىق تارقىتىش
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كەتكەندە ئۇلارغا يىرىك ئىسسىقلىق پاراشوكى (痱子粉) سۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىسسىقلىق ئۆرلىگەندە ئاساسەن دېيەرلىك بۇنداق ھەل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئارتۇقچە ئىسسىقلىق پارغا ئايلىنىپ كەتسە، ئىسسىقلىق ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.
2. تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاش
بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى تەرنىڭ ۋاقتىدا سۈرتۈلمىگەنلىكىدە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار يازدا بوۋاقلىرىغا ئازادە، راھەت، سالقىن كىيىملەرنى كىيدۈرۈشى، شۇنداقلا تەرىنى ۋاقتىدا سۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
3. سۇ تولۇقلاش
بالىنىڭ بەدىنىدە ئىسسىقلىق ئۆرلىگەندە بەدىنىگە سۇ تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. سۇ يېتەرلىك بولسا بالىنىڭ تېنىدىكى ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ بەدىنىدىكى توكسىنلارنى ۋاقتىدا چىقىرىلىپ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئۆي ئىچى سالقىن بولۇشى، بوۋاقنى 34-36 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغان ئىلمان سۇدا 10-5 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا يۇيۇندۇرۇپ تۇرۇش، شۇنداقلا بوۋاقنىڭ شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، چوڭلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت تېرە ئارقىلىق ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17864074.shtml