دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
29 تانە باھا سۆزى بار
4506 يازمىسى بار

بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى

بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كېسەللىك خاراكتېرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. قىسمەن بىمارلاردا قىزىش، تېنى شۈركۈنۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئالاھىدە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلارغا نىسبەتەن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.

كابۇكى سېندرومى ( ئۇسۇلچى يىغىندى ئالامىتى )

كابۇكى سېندرومىنىڭ ئىسىم قويۇشىدىكى سەۋەب شۇكى ،بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ياپونىيە كابۇكى ئارتىسلىرىنىڭ يۈز ئالاھىدىلىكى بار ،مەسىلەن، ياسىمان قاش، ئۇزۇن كىرپىك ،ئۇزۇن قاپاق ھەمدە ئاستىنقى قاپاق سىرتقا ئۆرۈلگەن، بۇرۇن ئۇچى كەڭ، قۇلاق سۇپرىسى چوڭ بولىدۇ.

جۆيلۈش ( تاققا تۇققۇ سۆزلەش )

ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈش پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا پاكىتنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ياكى بۇرمىلاپ، مەلۇم مەقسەتكە يېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قىلمىش ئادەتتە سەمىمىيەتسىزلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ قارىلىدۇ.

كۆزنىڭ ئاق قىسمى كۆڭ رەڭلىك بولۇش

كۆزنىڭ ئاق رەڭلىك قىسمىنىڭ كۆك رەڭدە بولۇشى رەڭدار پەردە پىگمېنتىنىڭ ئازىيىشى ياكى كەملىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

قەھۋە رەڭلىك قۇسۇق قۇسۇش

قەھۋە رەڭلىك قۇسۇق قۇسۇقنىڭ رەڭگى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك ياكى قەھۋەگە ئوخشاپ كېتىدىغان رەڭنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەتتە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بىلەن قان ئارىلاشقاندىن كېيىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ھەزىم قىلىش يولىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.

ئاستا (سوزۇلما) خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟

ئوخشاش بولمىغان بىمارلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، تەجىرىبەخانىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن بىمارلارنىڭ ئەھۋالى بىردەك بولمايدۇ، بىر قىسىم بىمارلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرنەرلىك بولىدۇ، بىراق مەزى بېزىنى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىن ئالاھىدە بايقاش ياكى كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولمايدۇ

مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپ بولمىسا ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولامدۇ بولمامدۇ؟

كىلىنىكىدا دائىم بىر قىسىم بىمارلار بار، توققۇز كۆز نېرۋا قىسىمى، چاتراق قىسمى ئاغرىش، پات-پات سىيىش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، دۇغ ھالەتتە سىيىش قاتارلىق نورمال بولمىغان ئەھۋاللار بار، بىراق مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرگەندە نورمال چىقىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولامدۇ بولمامدۇ؟

دۇغسىمان سۈيدۈك بولۇشى سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى ئىپادىلەمدۇ؟

ياشلاردىكى گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ دائىم قاقشايدىغىنى بولسا ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا ياكى چوڭ-كىچىك تەرەت قىلغاندا كۆرىدىغىنى بولسا دۇغسىمان سۇيۇقلۇقنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ چىقىپ قالغانلىقى. بۇ ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقنى بىلدۈرەمدۇ؟

ئاستا (سوزۇلما) خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟

ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاز ساندىكى كىشىلەردىكى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئۇلارنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك مەزى بىزى ياللۇغى ۋاقتىدا ئۈزۈل-كېسىل داۋالىماي، كەينىگە سۈرگەنلىكتىن كېلىپ چىقسا، كۆپ ساندىكى بىمارلار تېخى ئېنىق بولغان جددىي خاراكتېرلىك مەزى بىزى ياللۇغى باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان.

مەزى بېزى كېسەللىكى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى سۈيدۈك ئاجراتما تاشقى بۆلۈم ئامبۇلاتۇرىيە بىمارلىرىنىڭ %25~%8 نى ئىگەللەيدۇ. تەخمىنەن %50 ئەر ھاياتىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى ھەر قايسى ياش ھالىتىدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.