سۈيدۈكنىڭ دۇغسىمان كېلىشى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقنى بىلدۈرەمدۇ؟
ياشلاردىكى گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ دائىم قاقشايدىغىنى بولسا ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا ياكى چوڭ-كىچىك تەرەت قىلغاندا كۆرىدىغىنى بولسا دۇغسىمان سۇيۇقلۇقنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ چىقىپ قالغانلىقى. بۇ ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقنى بىلدۈرەمدۇ؟
بۇ خىل ئەھۋالنى ئانالىز قىلغاندا، ئىككى خىل تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىمىز:
بىرىنچى خىل ئەھۋالنى مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئارتىپ كېتىشى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئوغۇللار كىچىك تەرەت قىلغان ۋاقىتتا مەلۇم مىقداردا مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى چىقىرىدۇ، بۇنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن ئاسان كۆرگىلى بولمايدۇ، بىراق ئوتتۇرا ياش كىشىلەردىكى ئەرلىك ھورمۇن بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇلاردىكى مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىكى ئاجرالما ماددىلارمۇ بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، دائىم مەزى بېزىگە قان تولۇپ قېلىش مەزى بېزىنىڭ كەڭرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىچىك تەرەت قىلغان ۋاقىتتا مەزى بېزىدىكى مۇسكۇللارنىڭ تارىيىشى سەۋەبىدىن، ناھايىتى ئاسانلا مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى چىقىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ كەچلىكى زەكەرنىڭ داۋاملىق قوپۇۋېلىشى سەۋەبىدىن، مەزى بېزىدىكى ئاجرالما ماددىلار تېخىمۇ بەك غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەنلىكى كىچىك تەرەت قىلغان ۋاقىتتا دۇغسىمان تەرەت قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئېھتىمال تەرەت قىلغان ۋاقىتتا قىستاپ كەلگەنلىك سەۋەبىدىن كىچىك تەرەت قىلغان ۋاقىتتا تەرەتنىڭ ئۈزۈلۈپ كېلىش ھادىسىسىمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپ بولمىسا، PC<10/HP مەزى بېزى تاشما سۇيۇقلۇقى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بىراق ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان ۋاقىتتىمۇ ياللۇغنىڭ غىدىقلىىنىشى سەۋەبىدىنمۇ دۇغسىمان سۇيۇقلۇق چىقىپ قېلىشى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا مەزى بېزىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسىنى تەكشۈرگەندە مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇ ئىككىنچى خىل ئەھۋالدىن پەرقلىق بولىدۇ.
يەنە بىر خىل ئەھۋالدا زىيادە ھەرىكەت قىلىش سەۋەبىدىن ياكى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك ۋە كۆكتاتلار ئوكسىدلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئارتۇق مىقداردىكى فوسفات تۈرىدىكى ماددىلار ماددا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىرىستال ھالەتتىكى سۈيدۈككە ئايلىنىپ دوۋساق ئىچىگە يىغىلىدۇ، كىچىك تەرەت قىلغۇمىز كەلگەن ۋاقىتتا، دۇغسىمان ھالەتتە كۆرۈلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈيدۈكتىن تۇزغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇششاق كىرىستاللارنى بايقايمىز، ياكى سۈيدۈكتە ئاز مىقداردىكى تۇز كىسلاتاسى تېمىپ چۈشىدۇ، ياكى سۈيدۈك ئېنىق ھالدا دۇغ ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۋالغىلى بولىدۇ.