ئوخشاش بولمىغان بىمارلاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، تەجىرىبەخانىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن بىمارلارنىڭ ئەھۋالى بىردەك بولمايدۇ، بىر قىسىم بىمارلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرنەرلىك بولىدۇ، بىراق مەزى بېزىنى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدىن ئالاھىدە بايقاش ياكى كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
بىراق يەنە بەزى بىر قىسىم بىمارلارنىڭ مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدا كۆپ مىقداردا يىرىڭلار بولىدۇ ھەمدە مەزى بېزىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ قاتتىق بولىۋالىدۇ، بىراق ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، كېسەللىك ئلامىتى بىلەن روھى جەھەتتىكى ئامىلى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن :
1) سۈيدۈك يولى كۆيۈشكەندەك سىزىم بولۇش، جىنسىي ئەزا تولۇق يېتىلمىگەندەك تۇيغۇدا بولۇش، سوڭ ۋە مەقەت ئېغىزى قىسىمى ئاغرىپ توققۇز كۆز نېرۋا چىرماشلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، يېرىق، ئاياغ بارماق سۆڭىكى ئۈستى قىسىمى، زەكەر، تاشاق قاتارلىقلار، قورساق قىسىمىغا تەسىر قىلىدۇ؛
2) سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى كېسەللىكى: ياللۇغنىڭ سۈيدۈك يولى تەسىرىگە ئۇچرىشى، بىمارلاردا يىنىك ھالدىكى پات-پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، بىر قىسىم بىمارلاردىكى قان سىيىش، ئەتىگەندە كىچىك تەرەتتىن بۇرۇن ياكى چوڭ تەرەت قىلغان ۋاقىتتا تەرەت يولىدا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ياكى قويۇق ئاجرالما ماددىلار چىقىش؛
3) ئىقتىدار توسقۇنچىلىققا ئۇچراش: جىنسىي ئستەك كەينىگە چېكىنىش، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، ئىسپىرما بالدۇر كېتىش، مەنىي ئاغرىتىپ كېلىش، ئېھتىلام بولۇش قېتىم سانى كۆپىيىش قاتارلىقلار. بىر قىسىم بىمارلاردا يەنە جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، جىنسىي يولنىڭ ياللۇغلىنىشى تۈپەيلىدىن ئۇرۇق ئېتىلىپ چىقىش كۈچى چېكىنىدۇ، بۇ خىل ئەھۋاللار ياخشى بولمىغان تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
4) روھى ئاجىزلىق كېسەللىكى: بىمارنىڭ ئۆزىدىكى كېسەلگە بولغان خاتا چۈشەنچىسى تۈپەيلىدىن ياكى كېسىلىنىڭ ئۇزۇنغىچە ياخشى بولماسلىقىدىن روھى جەھەتتىن مەيۈسلىنىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئۇيقۇسى قاچىدۇ ۋەھاكازالار؛
5) ئىككىلەمچى كېسەللىك ئالامەتلىرى: مىكرۇپ باكتېرىيەلەر تۈپەيلىدىن شەكىل ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، رەڭدار پەردە ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، نېرۋا ياللۇغى قاتارلىقلار.