دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ! 😀
27 تانە باھا سۆزى بار
4345 يازمىسى بار

قىشتا بوۋاقلارنى ھىم زاكىلىماڭ

بوۋاقلارنى بەك ھىم زاكىلىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ كېتىپ ‹‹قىزىش يىغىندى كېسەللىكى›› پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹قىزىش يىغىندى كېسەللىكى››نىڭ ئالامىتى زۇكامغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ ، قىزىش ، قۇسۇش ، ھەتتا تارتىشىپ قېلىش ، ھۇشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .

بالىلاردىكى قىزىتمىنى قايتۇرۇش دورىسىنى بەرگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بالا قىزىپ قالغاندا، ئاتا - ئانىلار دائىم بالىغا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بېرىشنى ئويلىشىدۇ. ئەمما، ھەممە ئەھۋالدا دەرھال قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورا ئىشلەتكەندىمۇ بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. 

بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكىگە تۇزنى كۆپ ئىشلەتمەڭ

تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاققا تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ بەرسە، كېيىنمۇ ئامراق بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىشچە، بوۋاق مەلۇم خىل يېمەكلىك ياكى تەم بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، كاللىسىدا بىر خىل ‹‹ سەزگۈر كۆزنەك›› شەكىللىنىپ، كېيىن چوڭ مېڭە شۇ خىل تەمنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

بوۋاقلار ئاسان زۇكام بولسا دىققەت قىلىش كېرەك

بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى: «بەزى بوۋاقلار بەك ئاسان زۇكام بولىدۇ، يۆتىلىدۇ، پوتلىسى ئاقىدۇ. ئەگەر بوۋاق بىر يىلدا ئالتە قېتىمدىن ئارتۇق زۇكام بولسا، ئۇدا ئىككى ھەپتە يۆتەلسە، پوتلىسى ئون كۈندىن كۆپ ئاقسا، يەنى مۇشۇنداق ئالامەتتىن بىرى كۆرۈلسىلا، بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئاپارمىسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا بوۋاقنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەلىك بۇرۇن ياللۇغى، زىققە كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىدۇ».

قىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

قىش كىرگەندە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بالىلار ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قېلىن كىيىندۈرۈپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلار بەك قېلىن كىيىنگەندە، تەرلەپ كىيىمى ھۆل بولۇپ كېتىپ، ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ ئاغرىپ قالىدۇ.

سوڭ ( مەقئەت ) ئاقمىسى

سوڭ ( مەقئەت ) ئاقمىسى مەقئەت تۈز ئۈچەي ئاقمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مەقئەت بىلەن تېرە ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل بىنورمال يول. ئۇ ئادەتتە يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، يىرىڭ بەدەندە يىغىلىپ قالىدۇ ھەمدە بىر ياكى بىر قانچە كىچىك تۇرۇبا يولىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەقئەت ئاقمىسى ئاغرىش، ئىششىش ۋە تەرەت قىلىش قىيىن بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

قىشتا ھوردا پىشۇرۇلغان مېۋە-چېۋىلەر بالىلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ

قىش كۈنلىرى ھاۋا سوغۇق، قۇرغاق بولغاچقا، نۇرغۇن بالىلاردا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، يۆتىلىش، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بالىلارغا دائىم تۆۋەندىكى ئۈچ خىل «دۈملەپ پىشۇرۇلغان مېۋە»نى بەرگەندە، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېسەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

غەيرى ھامىلە تۇغۇلۇشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك

ھامىلدار ئاياللار ساغلام، ئەزالىرى بېجىرىم پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر ھامىلە غەيرىي تۇغۇلۇپ قالسا، ئېغىر بولغاندا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھايات قالمايدۇ. مەسىلەن، مېڭىسىز بوۋاق، ئومۇرتقا يېرىلىش قاتارلىقلار. يېنىكرەك بولغاندا توشقان كالپۇك قاتارلىقلارنى داۋالاشقا بولسىمۇ، بەزى مېيىپلار مەڭگۈ مېيىپ ھالەتتە قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتكە ئېغىر ئازاب ۋە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشى كېرەك.

ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ئاددىي رېتسېپلار

پىشلاق تېرە تازىلاش مەلھىمى: بىر قوشۇق پىشلاق بىلەن لىمون شەربىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ، ئاندىن ئىسسىق سۇ بىلەن چايقاپ، تېرە چىڭىتىش سۇيۇقلۇقى ۋە تېرە يۇمرانلاشتۇرۇش مەلھىمى سۈركىسە، تېرە ئاقىرىپ يۇمرانلىشىدۇ.

قىشتا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى «يۈرەك ۋە مېڭە»نى ئاسرىشى كېرەك

دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىش پەسلى بەرداشلىق بېرىش تەس بولغان پەسىل، يېتەرلىك ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈچۈن، بەزىدە بىر، ئىككى قوشۇق كۆپرەك تاماق يېيىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، ئەمما سەللا دىققەت قىلمىسا قان شېكىرى ئۆرلەپ كونترول قىلغىلى بولمايدۇ.