نۇرغۇن كىشىلەر بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يىنىكلىكىنى، قانچىلىك يېسىمۇ سەمىرىيەلمەيۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ، يەنە بەزىلەر ھەركۈنى ئۈچ ۋاق تاماقنى نورمال يەپ، يەنە كېچىلىك تاماقنى قوشۇمچە قىلىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ۋاق تامىقىنىڭ مىقدارىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئىشتىھاسىمۇ يامان ئەمەس بولسىمۇ، بىراق ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارمۇ، ياكى باشقا سەۋەبلەرمۇ، ھىچ سەمىرىمەيدىغانلىقىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ قارىغان سېمىزلىكلا باش ئاغرىقى بولماستىن، سەمىرىيەلمەسلىكمۇ خېلى باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىكەن

بەدەن ئېغىرلىقى بانكا ئامانىتىگە ئوخشايدۇ، قۇبۇل قىلىنغان ئېنىرگىيە ئېھتىياجىلىق ئېنىرگىيىدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن چاغدا، بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشمۇ تەبىئىيلا مۇمكىن بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە، يېسىمۇ سەمىرىمەسلىكتە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، فىزىئولوگىيىلىك ئامىللار، كېسەللىك، ئاشقازان ئىقتىدارى، دورا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پىسخىكىلىق ئامىللار، ئەنسىرەش، جىددىيلىشىش، جىلە بولۇش، شۇنداقلا ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئوزۇقلۇقشۇناسلار سىزنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دىئاگنوز قويدۇرۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئوزۇقلۇق يېتەرلىكمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە ئوزۇقلۇقشۇناسلار سىزگە ياردەملىشىپ باھالاپ بېرىدۇ.
ئوزۇقلۇقشۇناسلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن، بەزى ئۇسۇللارنى تەمىنلىدى:
ساغلام سېمىز ئەرلەردىن بولۇڭ
1. تاماقلىنىشىڭىز تەڭپۇڭ بولسۇن
قايماق ياكى باشقا يېمەكلىك مايلىرى، مۇراببا، شېكەر قاتارلىق يۇقىرى ماي ئاقسىلى، يۇقىرى قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن قۇبۇل قىلىنغان ئىسسىقلىقنى ئاشۇرغاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تېز بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇزاسا، ئىشتىھانى تۇتۇپ قويىدۇ، يەنە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك خەۋپلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تەڭپۇڭ تاماقلىنىش ۋە مىقدارىنى ئاستا-ئاستا كۆپەيتىش، مەجبۇرى يەپ، ئىشتىھانى بۇزۇۋىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. ياخشى بولغان تاماقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ
ۋاقىت ۋە مىقدارىنى بەلگىلەپ، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماقلىنىڭ، ئوبدان چايناپ، ئاستا يۇتۇڭ.
3. تاماقلىنىش تەرتىپىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ
ئاۋۋال قويۇقلۇقى يوقىرى، ئوزۇقلۇق مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى، ئاندىن باشقا يېمەكلىكلەرنى يەڭ.
4. تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تاللاڭ
ھورداش، دۈملەش، خۇرۇچ تەڭشەش، قورۇش، قاينىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى مۇۋاپىق تاللاڭ، ياغدا قورۇش، قاقلاش قاتارلىقلار يېمەكلىكنى قاتۇرۇپ، ھەزىم بولمايدۇ.
5. خوشال كەيپىياتنى ساقلاڭ
ياخشى بولغان تاماقلىنىش مۇھىتى يارىتىڭ، دىققىتىڭىزنى يىغىپ تاماق يەڭ. جىددىيلىشىش ۋە ئەندىشە قىلىش ئىشتىھاغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، ئۈچەي ئاشقازان يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىمۇ ياخشى بولمايدۇ، ماددا ئالمىشىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى نىسبەتەن كۆپ ئېنىرگىيىنى سەرپ قىلىدۇ.
ئەگەر يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ ئورۇق بەدىنىڭىزنى ئۆزگەرتەلمىسىڭىز، سىزنىڭ يەنىلا مەخسۇس دوختۇرلاردىن ياردەم سوراپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا سەمىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.