ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتكېسەللىكلەرئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ماددىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلاندۇرۇشىدىن كلىنىكىدا يۇتۇش قىيىنلىشىش، قىزىش، تۆش سۆڭەك ئارقىسى ئېچىشىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «شەدىد ۋەرمى مەرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 急性食管炎
كېسەللىك ئورنى ئىچكى بۆلۈم

سەۋەبى

1. زەنگار رەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەر خىل مىكروبلار بىلەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى كۈچلۈك غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى ياللۇغىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى ياللۇغدىكى ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچ تەرەپكە يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرى يۇقۇملىنىپ ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھەرخىل دېھقانچىلىق دورىلىرى، شۇىڭدەك كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرى بولغان خىمىيىلىك ماددىلار ۋە دورىلارنى بىلمەسلىكتىن ياكى قەستەنگە ئىچىۋالغاندا بۇ خىل ماددىلار قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى چىرىتىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

زىيادە قىزىش، زىيادە سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ياكى يىرىك تاماقلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش بىلەن قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرى تەكرار غىدىقلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى

يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ، يۇتقۇنچاقتىن تۆش سۆڭەك ئارقىسىنى بويلاپ خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىنىڭ ئاستىغا بارغۇچى سانجىلىپ ياكى كۆيۈشكەندەك ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ. بەزىلەردە قۇسۇق بىلەن بىرگە ئاز مىقداردا قان كېلىدۇ.

ئەگەر زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا دەسلەپتە بىمار ھوشسىزلىنىدۇ، ئېغىز شىللىق كۆيۈك ئىزلىرى بولىدۇ.

دىئاگنوزى

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۇتۇش قىيىنلىشىش، يۇتقۇنچاقتىن تۆش سۆڭەك ئارقىسىنى بويلاپ سانجىلىپ كۆيگەندەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ھەرخىل زەھەرلىك، ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ماددىلارنى ئىچىۋالغانلىق ياكى بوغما، كېزىك، ئىسكارلاتىنا، يۇقىرىقى نەپەس يوللىرى ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

(1 بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ رېنتگېندە تەكشۈرگەندە يەرلىك ئورۇن دىۋارىنىڭ قېلىنلىقى ھەم تارايغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

(2 تالالىق قىزىلئۆڭگەچ ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە يەرلىك ئورۇندا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگنوز

قىزىلئۆڭگەچ راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

قىزىلئۆڭگەچ راكىدىكى يۇتۇش قىيىنلىشىشنىڭ تەدرىجىي ئېغىرلىشىشى بىلەن بىرگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورۇقلاش ھەم بىرەر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك سېزىم بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاقىۋىتى:

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، قىزىلئۆڭگەچ يارىسى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. خىلىتلىق مىراج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قۇستۇرۇلىدۇ.

4. ياللۇغ قايتۇرۇش، يەرلىك ئورۇننىڭ غىدىقلىنىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

زەنگەر رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، زەنگەر رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، ئۆشبە، چۆبچىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچىغا زەنگەر رەڭ سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ زەنگەر رەڭ سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن، مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40مىللىلىتىردىن، ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 12گرادمىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلشىقا بېرىلىدۇ.

زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئىلمان تۈز سۈيى، سىركە، تۇرۇپ سۈيى ياكى ئاچچىقسۇ ئىچكۈزۈش ئارقىلىق قۇستۇرۇلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، يەرلىك ئورۇننىڭ غىدىقلىنىشىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئارپا سۈيىدىن 120مىللىلىتىر ئېلىپ، ئۇنىڭغا 10مىللىلىتىر بادام يېغى قوشۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

سېمىز ئوت ئۇرۇقى بەش گرام، چۈچۈمەل ئانار سۈيى 120مىللىلىتىر، ئۈجمە سۈيىدىن 70مىللىلىتىر ئېلىپ، سېمىزئوت ئۇرۇقىنى سوقۇپ ئانار سۈيى ۋە ئۈجمە سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئالتە گرام سەندەلنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىتئۈزۈمى سۈيىگە سۈرۈپ بويۇننىڭ سىرتىدىن ياكى تۆش سۆڭەك سىرتىدىن چېپىپ بېرىلىدۇ.

بابۇنە، بىنەپشەدىن ئالتە گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى بىنەپشە يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ زىماد تەييارلاپ چېپىلىدۇ.

ئاق لەيلى ئۇرۇقى 12گرام، گىل ئەرمىنى ئالتە گرام، ئىتئۈزۈمىنىڭ سىقىلغان سۈيى، گۈل يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئاق لەيلى ئۇرۇقى ۋە گىل ئەرمىنىنى سوقۇپ، ئىتئۈزۈمىنىڭ سىقىلغان سۈيى ۋە گۈل يېغىغا قوشۇپ زىماد تەييارلاپ سىرتىدىن چېپىلىدۇ.

پولۇس خىيارشەنبەر 14گرام، كاسىنە سۈيى، ئىتئۈزۈمى سۈيى 60مىللىلىتىردىن ئېلىپ، پولۇس خىيارشەنبەرنى كاسىنە سۈيى ۋە يەرلىك شوخلا سۈيىدە ئېرىتىپ، قائىدە بويىچە غار-غار قىلىنىدۇ.

بابۇنە، ئاق لەيلىگۈلى، بىنەپشە، ئىككىلمىلىك 15گرامدىن، گۈل يېغى يەتتە مىللىلىتىر، ئىتئۈزۈمى يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ ئىككى تاغاق ئوتتۇرىسىغا چېپىلىدۇ.

شۇمشا تالقىنى ئارپا تالقىنى، زىغىر ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ 10مىللىلىتىر بىنەپشە يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ تۆش سۆڭەك ئۈستىگە چېپىلىدۇ.

نىشاستە ۋە شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ھالۋا تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، كاكىنەچ شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن 40مىللىلىتىردىن، نېلۇپەر شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ئاشقازان ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئامىلە نوشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

مەنبە:

ئىزدە قامۇسى، ئۇيغۇر ئارخىپ تورى
https://uyghur-archive.com/wiki-izde/wiki-izde/indexa3b2.html

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=805

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-22 / 10:18:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ