1. ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەرلەرگە پۈتۈنلەي بويسۇنۇش ئارقىلىق نىكاﮬىڭىزنىڭ بەخىتلىك ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بۇلۇشىنى ساقلاپ قالالايمەن دەپ ئويلىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز .
سىزنىڭچە ﮬىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىسەملا ،ئېرىم مەڭگۈ رازى بولىدۇ دەپ ئويلامسىز ؟ ئۇنداق بولمايدۇ ! ﮬازىرقى جەمىيەتتىكى ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ، ئەڭ جەلىپكار بولىدىغىنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ، چوڭ ئىش تەۋرىتەلەيدىغان ئاياللاردۇر . ﮬېچكىممۇ ئۆزىگە خاس مىجەز – خارەكتىرگە ئىگە بولمىغان ، ئەرلەر نىمە دېسە ﮬەئە دەيدىغان ، مۇستەققىل كۆز قارىشى يوق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇن تىلۋېزىيە تىياتىرلىرىدا ئەرلەرنى ئۆزىگە رام قىلۋالىدىغانلار كۆپىنچە جۇشقۇن ، كۆتىرەڭگۈ ئاياللاردۇر .
2. ئەگەر ئېرىڭىز مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى بولسا ئۇنداقتا سىزنىڭ تەلەيلىك ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن ، بىراق سىزنىڭ ئىلگىرلەشنى ئويلىمايدىغان قىلمىشىڭىز ئۇنى تەدرىجى سىزدىن يىراقلاشتۇرۋېتىدۇ .
ئېرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا سىزنىڭمۇ تۆﮬپىڭىز بار ، ﮬازىر < ئەر سىرتتا ، ئايال ئۆيدە > بولىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، سىزنىڭچە ئۆي ئىشلىرنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنى ياخشى كۈتسىڭىزلا ئىش پۈتەمدۇ ؟ كۆپ ئاياللار ئېرىم سىرتتا كۆزگە كۆرۈنسىلا بولدى دەپ قارىغاچقا ئۆزىگە تۆۋەن تەلەپ قويۇپ ئالغا ئىلگىرلەشنى ئويلىمايدۇ . نەتىجىدە ئېرىڭىزنىڭ خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرى تەدرىجى كۆزگە كۆرۈنىدۇ ، نەزەر دائىرسى كېڭىيىدۇ ، لېكىن بۇ چاغدا سىز ئاللىقاچان سەپتىن چۈشۈپ قالغان بولىسىزدە ئېرىڭىز بىلەن ئارلىقىڭىز يىراقلاپ كىتىدۇ .
3. ئائىلە ئىللىق دېڭىز قولتۇقىغا ئوخشايدۇ . ئېرىڭىزمۇ ئوخشاشلا ياردەمگە مۇﮬتاج ، ﮬەر قانداق ئىشتا ئەركە خۇيىڭىزنى تاشلىيالمىسىڭىز ، ئۇنىڭ ئاللىقاچان سىز بىلەن ئوبدان بىر پاراڭلىشىپ باققۇسى كېلىپ قالغان بولىدۇ . ( سىزنىڭچە ئەر كىشى مەڭگۈ ئېگىلمەس دەرەخ ، ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ تۈۋىدىكى توپىسىنى يۇمشاتمىسىڭىزمۇ بولامدۇ ؟ )
4. سىزنىڭچە ئېرىڭىز غەرەز ئۇقمايدىغان كىچىك بالىمۇ ؟ ئۇنداقتا ئائىلە باشلىقلىق كىبىرىڭىزنى بىر ئاز يۇغۇشتۇرىشىڭىز لازىم ،
5. ئەڭ ئەخمىقانە قىلىق : ئەرلەرگە كۆڭۈل ئىزﮬار قىلماسلىق .ناۋادا سىز ﮬە دېسىلا بىللە بولماسلىقنى ئۇنى جازالاشنىڭ ۋاستىسى قىلۋالغان بولسىڭىز ئۇنداقتا سىز ئۆز بەختىڭىزگە ئىكەك سېلىش باسقۇچىغا كىلىپ بوپسىز ، باشقا جەﮬەتتىن ئېرىڭىزدىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەي مۇشۇ ئىش بىلەن تەﮬدىت سالسام ئۇنى تىز پۈكىدۇ دەمسىز … ؟؟؟؟ ئەگەر مۇشۇ باسقۇچقا كېلىپ بولغان بولسىڭىز ئېرىڭىزدىن سىزگە قىزىقىشىنى كۈتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ﮬەتتا ئۇ سىزدىن ئايرىلىش ئالدىدا ……
6. ﮬەر ۋاقىت ئېرىڭىزنىڭ ﮬەركىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان ئەخمىقانە خىيالدىن ۋاز كېچىڭ . سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە ئىشەنچ قىلالمىغاندىلا ئېرىڭىزنىڭ ئىشخانىسىغا تولا تىلفۇن قىلىدىغان ، قول تىلفۇنىدىكى نۇمۇرلارنى كۆرۈشكە ئالدىرايدىغان ، ئۇنىڭ ئۆيگە كەچ قايتىش سەۋەبىنى توختىماي سورايدىغان ، ئۇنىڭ كاماندىروپكىغا كىم بىلەن بىرگە چىقىدىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ، ﮬەتتا ئۇنىڭ ئايال خىزمەتدىشىغا قىلغان بىر نەچچە ئېغىز سۆزىگىمۇ كۈندەشلىك قىلىدىغان ، ئېرىڭىزنىڭ ئايال خىزمەتداشلىرىغا بەكرەك قىزىقىدىغان بولۇپ قالىسىزدە ئەمىليەتتە ئۆزىڭىزنىڭ روﮬى بېسىمىڭىزنى ئاشۇرۋالىسىز .
7. ئېرىڭىزنى ئۆزىچىلا يەردىن ئۈنۈپ چىققان دەپ قارىمايسىز- يۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە دوسلىرىنى ﮬۆرمەت قىلمايسىز .
< ئىگىسىنى سېغىنساڭ ، ئىتىغا سۆڭەك بەر > دىگەننى ئاڭلىغانمىدىڭىز ؟ ئېرىنىڭ سوسلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ، ﮬە دېسىلا ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ ئۇنىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان ئىش ﮬەرگىزمۇ ئەقىللىق ئايال قىلىدىغان ئىش ئەمەس .
8. باشقىلار بىلەن قارىغۇلارچە بەسلىشىپ ،ئېرىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بۇ خىل قىلمىشنى كۈلكىلىك دەپ قارىمامسىز ؟ نۇرغۇن ئەرلەر قارىماققا قەيسەر كۆرۈنسىمۇ ،كۆڭلىدە ئاياللارنىڭ چۈشىنىشىگە ،
مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە مۇﮬتاج بولىدۇ ، توغرا كۆز قاراش بىلەن ئېرىڭىزگە مۇئامىلە قىلىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر .
9. ﮬە دېسىلا نىكاﮬنى باﮬانە قىلۋالماڭ .
ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىشىڭىز ئۇنى سىزگە قايتا ﮬەۋەس قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ . رەتلىك كىيىنىپ يبرىدىغان ئاياللارنىڭ ﮬەر قانداق سورۇندا ئاياللىق سېھرى كۈچى بولىدۇ ، ئۆي ئىچىدە بولغاندىكىن ئېرىمدىن باشقا كىم زەن قوياتتى دەپ ئويلاپ ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا ساڭگۇل – سۇڭگۇل مېڭىپ يۈرۈپ ئېرىڭىزدىن يەنە نىمىلەرنى كۈتمەكچى ؟ سىز مۇشۇنداق ئۆيلاردە ياسىنىشقا ئەﮬمىيەت بەرمەي تالا تۈزدە ياسىنىپ يۈرسىڭىز …..ئەمىليەتتە سىز كوچىلاردا مەيلى سىز پەرىنىڭ ئۆزى بولۇڭ باشقىلارنىڭ سىز بىلەن نىمە كارى ؟ ئەڭ مۇﮬىمى يەنىلا ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇﮬاببىتى ئەمەسمۇ ….. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېرىڭىزنىڭ نەزىرى سىرتقا چۈشسە ، بۇنىڭدىن ﮬەيران قېلىپ كىملەردىندۇر ئاغرىنسىڭىز بولمايدۇ – دە !
10 . بالىغا ئوبدان قارىساملا ۋەزىپەم ئۇرۇندىلىدۇ دەپ قاراش .
بالىنى تۇرمۇشنىڭ ﮬەممە قىسىمى دەپ قاراپ ، ئەس يادىنى بالىغىلا بېغىشلاپ ، ئېرىگە بولغان مۇﮬەببەتكە سەل قاراپ نىكاﮬ مەزمۇنىنى < تۇرمۇش > ئەمەس ، ئەكىسچە پەرزەنت تەربىيلەش دەپ قارىغاندا ئېرىڭىز بىلەن بولغان ﮬىسىيات ئالماشتۇرۇش ئازىيىپلا قالماي ، ﮬامان بىر كۈنى ئۇ سىز بىلەن ئۆي تۇتۇپ بالىدىن باشقا ﮬىچنەرسىگە ئىرىشەلمىگەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىدۇ