ئانا سەھىپەخانىم قىزلارتەربىيە ۋە ساۋاقياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

ياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ياشلىق دەۋرىدىكى قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟ <

ياش قىزلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قىلىشى ئۇلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشى بىلەن مۇناسىۋەتكلىك يىگىت بىلەن قىز تەرەپ كۆپ قېتىم باردى كەلدى قىلىش ، ئىككى ئوخشىمىغان جىنىسنىڭ بىرگە تۇرۇشى ھامانلا جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدۇ يەنە كېلىپ بەزى نادان، ساددا قىزلار ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ تاتلىق يالغان ياۋىداق گەپلىرىگە ئالدىنىپ كېتىش خەتىرى بولىدۇ دە، توي قىلماستىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

ياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

ياش قىزلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتكە زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، ئوقۇش ھەم تۇرمۇشىغا زور تەسىر قىلىدۇ . قىزلارنىڭ ياشلىق دەۋرى ئۆگىنىش ، ھەم مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان ئەڭ ياخشى دەۋرى بولۇپ ، بەزىلىرى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ، بەزىلىرى خىزمەتكە ئەمدى قەدەم قويغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ . بۇنداق چاغدا ، ھەممە زېھنىنى دەل شۇ ئوقۇشقا ، ھەم خىزمەتكە سەرىپ قىلىشى كېرەك . لېكىن دەل مۇشۇنداق چاغدا ، مۇھەببەتلىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ، جىنسىي جەھەتتىكى ئىشلارغا قىزىقىپ يۈرسە ، چوقۇملا ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ . كېيىن خىزمەت جەريانىدا ئوقۇشىنىڭ كەمچىللىكىنى سەزگەن چاغدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدۇ .

ياشلىق دەۋرىدە ، تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ، كېيىنكى تويدىن كېىيىنكى جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ . ئادەتتە ، بىر جۈپ قىز ھەم يىگىت تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەپ ، يىگىت تەرەپ ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى باسالمىغانلىقتىن ، قىز تەرەپنىڭ خېجىل بولۇش ، قورقۇش ، جىددىيلىشىشدەك روھىي كەيپىيات ئاستىدا بولىدۇ . شۇڭلاشقا ئىككىلا تەرەپتە بىرخىل جىنايەت ئۆتكۈزگەندەك تۇيغۇ بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلا تەرەپتە جىنسىي بىلىم كەمچىل بولغاچقا ، بۇنداق جىنسىي مۇناسىۋەت ھەرگىزمۇ شېرىن ، رېتىملىق دىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ، ھەم كېىين ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىغا توسالغۇ ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە كېلىپ بۇ قىز تەرەپكە ئېغىرراق كېلىپ ، قىز تەرەپنىڭ ئۇزۇن بىر مەزگىل ، ياكى بىر ئۆمۈر جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قورقۇنۇچى ، سەسكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، تويدىن كېىيىنكى نورمال جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ .

ياشلىق دەۋرىدىكى تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي تۇرمۇش تويدىن كېيىنكى ئەر ئايالنىڭ تۇمۇشىغا قاراڭغۇ كۆلەڭگە تاشلاپ ، سەتلىشىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ . ئەگەر جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن قىز تەرەپ ھامىلدار بولۇپ قالسا ، ئىككى تەرەپ خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ ، كۆپرەكى زىيانكەشلىك يەنىلا قىز تەرەپكە كېلىدۇ . قىزلار بۇنى بەكلا ئېغىر ئىش دەپ ھېسابلاپ ، باشقىلارغا يۈز كېلەلمەسلىكتەك ھېس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەتراپىدىكى ئادەملەردىن ، ساۋاقداشلىرىدىن ، خىزمەتداشلىرىدىن بولۇپمۇ ئۆيدىكىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، بەكلا ئېغىر روھىي بېسىمنى ئۆز ئۈستىگە ئارتىۋالىدۇ . ھامىلىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ، ئوغۇرلۇقچە بېرىپ سۈنئىي ھامىلىنى چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى قىلىدۇ ، ياكى دورا يەيدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قىز تەرەپنىڭ بەدىنىگە ئېغىر تەسىر قىلىدۇ ، جىنسىي يولى ئىچكى پەردىسى ياللۇغى ، داس بوشلۇقى ياللۇغى ، جاھىل خاراكتىرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى ، قورساق دىۋارى ياللۇغى قاتارلىق بىر قاتار ئاياللار كېسەللىكلىرىنى پەيدا بولىدۇ ، ئەگەر ئۇ جەرياندا چوڭ قان چىقىش يۈز بەرسە ، قىز تەرەپنىڭ جېنى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ .

شۇڭلاشقا ياش قىزلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى ، بىر ناھايىتى ئېغىر زىيىنى بار ئىش . ھەتتا بىر گۈزەل تۇرمۇش بىلەن ساغلاملىقنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن .

قىزلىرىمىزگە تەۋسىيە ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ، ياشلىق باھارىڭىزنى قەدىرلەڭ ، ئۆگىنىشنى بىرىنجىئ ئورۇندا قويۇڭ ، باشقا قالايمىقان خىياللارنى تاشلىۋېتىڭ ، باشقىلارنىڭ يالغان ياۋىداق شېرىن شىكەر سۆزلىرىگە قانداق تاقابىل قىلىشنى بىلىۋېلىڭ ، ھەر قانداق ئىشتا كاللىڭىزنى سېلكىۋېتىپ ئاندىن قىلىڭ ، ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق تاقاڭ!

چۈنكى كېيىن گۈزەل تۇرمۇش ئالدىڭىزدا !

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 03:06:33

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ