B قان تىپى قىزىل قان ھۈجەيرىسى تۈزۈلۈش شەكلى
قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستى ئۈستىدە ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن ھەرخىل تىپتىكى ۋە شەكىلدىكى ئانتىگېنلەر antigen لەر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى قان تىپىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان قان تىپى بولىدۇ.
غەرىپ مېدىتسىناسىدا كۆپپىنچە ئەھۋاللارداا ئىككى چوڭ قان تىپى سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. بۇلار ABO قان تىپى سىستېمىسى ۋە Rh قان تىپى سىستېمىسى. مەسىلەن سىزنىڭ قان تىپىڭىز :
AB Rh+
بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئىككى سىستېمىدىكى قانلار تۆۋەندىكىچە، سىزنىڭ قان تىپىڭىز مۇشۇلارنىڭ بىرى.
A+, A-, B+, B-, O+, O-, AB+, AB-
رەسىمدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستلىقىدىكى كۆك رەڭلىك توپچىلار B ب ئانتىگېننى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل قانغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قان تومۇرىدىكى قان زەردابىدا A ئا قانغا قارشى تۇرىدىغان ئانتىبادى نى (رەسىمدىكى يېشىل رەڭلىك رىگەتكە شەكىلدىكى ماددىلار ) ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
B ب قان تىپى بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىگە A ئا تىپلىق قاننى سالغاندا، ئا بىلەن ب تىپلىق قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بىر بىرى بىلەن پېتىشالماي، رىئاكسىيە يۈز بېرىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى پارچىلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنى قان ماسلاشماسلىق دەيمىز.
خەلق تىلىمىزدىكى قان تىپى بىلەن قان گۇرۇپپىسى نورمالدا بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
قان تىپى سىستېمىسىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.