بالا ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماي

0
1793
بالا ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ماي

ماي بالىلار ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇھىم مەنبەسى . ئادەم بەدىنىدىكى ماينى يېمەكلىكلەر تەمىنلەيدۇ . كىشلەر ئادەتتە يەۋاتقان سېمىز گۆش ۋە ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى مايدۇر . بىر گىرام ماي توققۇز كالورىيە ئىسسىقلىق چىقىرالايدۇ . بىر گىرام ئاقسىل ياكى قەنت پەقەت تۆت كالورىيە ئىسسىقلىق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ .

ئادەم بەدىندىكى مايلار ئاساسەن تېرە ئاستىدا ، قورساق قىسمىدا ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئەتراپىدا ساقلىنىپ ، ئىچكى ئەزالارنى زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ . ماي يەنە بەدەن سوۋۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، بەدەن تېمېپراتۇرىسى تەڭشەيدۇ ۋە بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە ، ماي ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدۇ . ماينىڭ يەنە ۋىتامىن A ، D ، E ، K لارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار .

ئەگەر يېمەكلىك تەركىبىدە ماي كەمچىل بولسا ، بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىق ، ئېغىرلىقى ئاشماسلىق ، تېرىسى قۇرغاق بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . ئاسان يۇقۇملىنىدۇ ۋە مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئەگەر يېمەكلىكتە ماي بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، بالىلاردا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش ، كېيىن ئاسان سەمىرىپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .

نورمال بوۋاق ھەر كۈنى ھەر كىلوگرام ئېغىرلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن تۆت گىرام مايغا ئېھتىياجلىق . ئالتە ياشتىن ئاشقان بالىلار ئۈچ گىرام مايغا ئېھتىياجلىق ، ماي تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق مىقدارى ئۇمۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %30–%50 نى ئىگەللەيدۇ . سېمىز گۆش ، كالا سۈتى ، قوي سۈتى ، قايماق ، بېلىق مېيى ۋە ئۆسۈملۈك يېغى تەركىبىدە ماي مىقدارى ئەڭ كۆپ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here