ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ھەر سوتكىسىغا ئۇخلاش ۋاقتى 9 سائەت ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ 10 سائەت بولىدۇ .
ئەگەر باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بۇ چەكتىنمۇ ئېشىپ كەتسە ، ئۇ ھالدا بۇ ، ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نۇرمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . چۈنكى ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا چو مېڭىنىڭ ئۇيقۇ تۈگۈنى ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ . ئەمما باشقا تۈگۈنلەر ئاللىقاچان كونتىرول ھالىتىدە تۇرىدۇ .
ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، ئويقۇ تۈگۈنى چارچاپ كېتىدۇ – دە ، باشقا تۈگۈنلەرنىڭمۇ كونتىرول قىلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ ، ئەسلىگە كېلىش جەريانى ئاستىلاپ قالىدۇ . شۇڭا بۇنداق بالىلار ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئۆزىنى گالدا – گۇلدۇڭ ۋە روھسىز ھېس قىلىدۇ .
بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى بۇ مەزگىلدە تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولىدۇ . مانا بۇ ، بالىلاردا مەلۇم دەرىجىدىكى « چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ تۇسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى » نى پەيدا قىلىپ ، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى تۆەنلىتىشى ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆەنلىتىپ ، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن .