ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقى10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ يېمەكلىكىدىكى بەشنى قىلماسلىق

10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ يېمەكلىكىدىكى بەشنى قىلماسلىق

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

10 ياشتىن بۇرۇنقى يېمەكلىك ئادىتى بالىلارنىڭئۆمۈرلۈك سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئاتا – ئانىلار چوقۇم تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى بالىلىرىغائىستېمال قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك

10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ يېمەكلىكىدىكى بەشنى قىلماسلىق

1. بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولغۇچە ، تەركىبىدە تۇز بار يېمەكلىكنى بەرمەسلىك . ئۈچ ئايلىق ئىچىدىكى بوۋاق ئانا سۈتى ياكى سۈت تەركىبىدىكى تۇزنى ئىستېمال قىلسا يېتەرلىك بولىدۇ . ئۈچ ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشكە باشلايدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۈچ ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاق مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ئىستېمال قىلسا بولىدۇ .

2. بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ھەسەل بەرمەسلىك . بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۈچىيىدىكى نورمال باكتېرىيە توپى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا ، ھەسەل يېگەندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش ، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . بالىلار بىر ياشقا توشقاندىن كېيىن ، بالىلارنىڭ ئۈچىيىدىكى باكتېرىيە توپى يېتىلىدۇ ، بۇ چاغدا بالىلارغا ھەسەل يېگۈزسە بولىدۇ .

3. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا چاي ئىچكۈزمەسلىك . چاي تەركىبىدە زور مىقداردا تاننىك كىسلاتا بولۇپ ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل ، مېنېرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەسىر قىلىدۇ .

4. بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى يېگۈزمەسلىك كېرەك . بەش ياشتىن ئىلگىرىكى مەزگىل بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ ، قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن ھورمون ياكى ھورمونغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماددىلار بار ، بۇ بالىلارنىڭ بويىنى پاكار قىلىپ قويۇش ياكى بالىلاردا بالدۇر يېتىلىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

5. 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا چىلىغان سەيلەرنى يېگۈزمەسلىك كېرەك . چىلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ ، زور مىقداردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا نىترىتلار بار . تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، 10 ياشتىن بۇرۇن چىلانغان مەھسۇلاتلارنى يېيىشكە باشلىغان بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ، راك كېسىلى بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەردىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-23 / 04:31:58

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ