تۇغما سىفلىس ھامىلىدار ئانىنىڭ قېنى ئارقىلىق بالا بەدىنىگە ئۆتىدىغان، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىپادىلىنىدىغان بىرخىل كېسەللىك بولۇپ، ئانىسىدا ئاتىشەك (سىفلىس) كېسىلى بار بالىلار بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىيدۇ. ئادەتتە ئىككى ئايلىق ۋاقتى ئىچىدە بەلگىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، ئاغرىشنىڭ پەسىل ئايرىمىسى بولمايدۇ.
سەۋەبى:
بالىدا بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈلۈشى ئانىنىڭ بۇ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئاتىشەك (سىفلىس) كېسىلى ئۇفۇنەتلەنگەن قان ۋە كۆيگەن خىلىتلار تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان، بىر كىشىدىن ئىككىنچى بىر كىشىگە يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە جىنسىي ئالاقە، سۆيۈشۈش، قاچا-قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش، تاماكىنى تۇتۇش چېكىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئانىغا يۇقىدۇ. بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلىدار بولۇپ، تۆت ئايدىن كېيىن قورساقتىكى تۆرەلمە يۇقۇملىنىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ كېسىلى يەڭگىلرەك بولسا، بالا يۇقۇملانماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئانا يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆپىنچە ھامىلە كەمتۈك تۇغۇلىدۇ ياكى ئۆلۈك تۇغۇلىدۇ ياكى بىرىنچى تۇغۇتىدا ئۆلۈك تۇغۇپ كېيىنكى تۇغۇتلىرىدا تۇغما سىفلىس بىلەن يۇقۇملانغان بالا تۇغۇلىدۇ، بۇنداق بالىلار ئانىنى ئەممەي، باشقا ئاياللارنى ئەمسە، شۇ ئاياللارنىڭ ئەمچىكىگە يەل يارا (سىفلىس) كېسىلىنى يۇقتىرىدۇ.
ئالامىتى:
سىفلىس كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بالىلارنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشتە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا، كالپۇكىدا ياكى ئەمچىكىدە ئالدى بىلەن مونەكچە پەيدا بولۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن مونەكچە يوقاپ كېتىپ، جاراھەتكە ئايلىنىدۇ. جاراھەتتىن زەرداپ سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ، بارغانسېرى يوغىناپ، يارىلانغان ئەزالاردا بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. ئىلاجى بولسا كېسەل بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكى باشقىلارنىمۇ بىردەك داۋالاش لازىم. بالىلار بولسا كۆپىنچە تۇغۇلۇپ دەسلەپكى ئىككى ئايلىق ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، كېسەل بالا ئاجىز، روھسىز بولۇپ، ئەت ئالمايدۇ. بەدىنىدە ھارارەت بولىدۇ، كېسىلى ئېغىرراقلىرىدا قان ئازلىق ئالامىتى روشەن بولىدۇ.
يۇمىلاق داغلىق ئەسۋە بولۇپ، سۇس قىزىل رەڭدىن تەدرىجىي جىگەر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. باش، ساغرا ۋە پۇت قوللىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، يوقالغاندا قارامتۇل تاتۇق قالىدۇ.
قاپارتمىلىق يەل يارا ئالغان ۋە تاپاندىن باشلىنىپ ئاستا-ئاستا گەۋدىگىچە كېڭىيىدۇ، ئىچىدە ئازراق يىرىڭلىق قان بولىدۇ. ئالقان ۋە تاپاننىڭ تېرىلىرى تارتىشىدۇ، قاتىدۇ، قىزىرىدۇ ۋە پارقىرايدۇ. قانىغاندىن كېيىن سىرتقى يۈزىدىكى قاقاچ تۆكۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ پارقىرايدۇ. تىرناقلىرى تار ۋە كىچىك بولىدۇ، چىمچىلاقنىڭ سىرتى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ.
كالپۇك ۋە ساغرىسىنىڭ تېرىسى قىزىرىپ قېتىپ، تېرە تاشلايدۇ. يېرىلىپ يارا بولىدۇ، يۇقىرىقى كالپۇك يېرىلسا تىلىنما يېرىق شەكىلدە بولىدۇ.
مەقئەت ئەتراپىدا ، قىزلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى ۋە ئوغۇللارنىڭ ئۇرۇقدان ئەتراپىدىكى نەملىشىدىغان جايلاردا ھۆل سۆگەل پەيدا بولىدۇ.
پۈتۈن بەدەندە ياكى بىرەر ئەزاسىدا سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ، چاچ، كىرپىك، قاشلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ.
بۇرۇندىن كېلىدىغان سۇ شىلىمشىق قان ئارىلاش كېلىدۇ، دىمىقى پۈتىدۇ، ئىمىشى قىيىنلىشىدۇ. ئاغرىنى ئېچىپ نەپەس ئالىدۇ، ئاۋازى پۈتىدۇ. شۇڭا يىغلىسا ئاۋازسىز يىغلايدۇ، كالپۇكىدا، ئېغىز ئىچىدە، تىلدا، بادامسىمان بەزلەردە ياكى سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ شىللىق پەردىسىدە يېرىق پەيدا بولىدۇ. بەزى چاغلاردا ياپىلاق سۇلۇق داغ ياكى يارا پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەزالىرىدا تال چوڭىيىش، قۇلاق ئاستى، قولتۇق ئاستى، چاتلىرىغا يۇمشاق چۈشۈش، سۆڭەكلىرى چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇرنىدا ئىششىق پەيدا بولۇپ، بۇرنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توسالغۇنى چىرىتىۋەتكەنلىكتىن، قاڭشىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق بەلگىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. بالا كېسەل بولۇپ تۆت-بەش كۈن ئۆتكەندە قىزىتما پەيدا بولۇش، چۆچۈش، ھوشسىزلىنىش، مېڭىگە سۇ يىغىلىش، قېتىش، باشنىڭ ئالدىنقى بۇلاقچىسى پولتىيىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
سىفلىس جاراسىمىنى يوقىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، كېسەل تېخى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىچكۈزۈلىدىغان دورىلارنى ئىچۈرۈشكە، سىفلىسقا تېز تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئوڭايسىزلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ كېسەل ئەسلىدە ئانىسدا بولغانلىقى ئۈچۈن، كېسەل بالىنىڭ ئانىسىغا دورا قىلىش كېرەك. ئەگەر بالا چوڭراق بولۇپ، دورا ئىستېمال قىلالىغۇدەك بولسا، ئەمچەكتىن ئايرىۋەتكەن تۈزۈك، بۇ مەزگىلىدە كالا سۈتى ياكى باشقا ساغلام ئايالنىڭ سۈتىنى ئېمىزگە بىلەن ئىمىتسە بولىدۇ.
مەنبە: تور دۇنياسى