قېتىق، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلۇق مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ. بالىلارغا قېتىق ئىستىمال قىلدۇرغاندا، تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ:
1.يېرىم ياشتىن تۆۋەن بالىلار قېتىق ئىچسە بولمايدۇ، قېتىق تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە،كۆپ مىقداردا كالتسىيغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسى ئانتىبىئوتىكلارنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكرو جانلىقلارنى يوقىتىدۇ ياكى تىزگىنلەيدۇ.
2.قېتىقنى سۈت پاراشوكى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، سۈت پاراشوكى ياسىلىشىدىن ئانا سۈتىگە يېقىنلىشىدۇ، ئانا سۈتىدىن باشقا بالىلارغا نىسبەتەن ئورۇن باسارى بولالايدۇ، لېكىن قېتىق بولسا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان سۈت بولۇپ، سۈت پاراشوكىنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋىيەسىگە يېتەلمەيدۇ، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدۇ.
3.تاماقتىن كېيىن 2 سائەت ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك. سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان PH قىممىتى بولسا 5.4تىن يۇقىرى بولۇشغا ماس كېلىدۇ، ئاچ قورساق ۋاقتىدا، بالىلارنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى PHقىممىتى 2دىن تۆۋەن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، قېتىق ئىستېمال قىلغاندا، سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسى ئاسانلا ئۆلىدۇ.
4.قېتىقنى قىزىتىشقا بولمايدۇ، قېتىق تەركىبىدىكى ئاكتىپ ھالدىكى سۈت كىسلاتاسى باكتېرىيەسى، قايناق سۇدا ئاسان ئاجرىلىپ چىقىدۇ، ئاسانلا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5.قېتىقنى باشقا دورىلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
6.قېتىق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئېغىزنى چايقاش كېرەك. قېتىقتىكى بىر قىسىم باكتېرىيەلەر ھەمدە كىسلاتالىق ماددىلار چىشقا تەسىر قىلىدۇ، ئاسانلا چىشنى چىرىتىدۇ، شۇڭا قېتىق ئىچىپ بولغاندىن كېيىنلا ئېغىزنى ۋاقتىدا چايقاش كېرەك.