پۈتكۈل بالىلىق دەۋرى توختاۋسىز ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ. ئومومەن«ئۆسۈش» شەكىل ھالىتىنىڭ ئۆسۈشىنى، «تەرەققىي قىلىش» پائالىيىتىنىڭ يېتىلىش جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتى ئىنتايىن يېقىن بولۇپ ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەزالارنىڭ تەرەققىي قىلىشىمۇ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئورگانىزىمنىڭ تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى:
- تەرەققىي قىلىش سۈرئىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى: بالىلارنىڭ پۈتكۈل تەرەققىي قىلىش جەريانىدىكى تىپىك ئىپادىسى بولسا، ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆسۈشتىن ئىبارەت. لېكىن تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى تەڭپۇڭسىز بولىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى يېرىم يىل ئىچىدە ئۆسۈشى ئەڭ تېز بولىدۇ (بولۇپمۇ ئالدىنقى 3 ئايدا)، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئۆسۈش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلغا نىسبەتەن ئاستىراق بولىدۇ. كېيىن تەدرىجىي ئاستىلايدۇ. لېكىن ياشلىق باھار مەزگخلىگە يەتكەندە يەنە تېزلىشىدۇ. ھەر قايسى ئەزالارنىڭ تەققىي قىلىشىمۇ تەكشى بولمايدۇ. مەسىلەن: نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نىسبەتەن تېز بولىدۇ. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدۇ. سۆڭەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى نىسبەتەن ئاستىراق بولىدۇ.
- خىزمىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى: باشلانغۇچ دەرىجىدىن ئالىي دەرىجىگە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككەقاراپ ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. مەسىلەن: سۆزلەشتە ئاۋۋال ئاددىي سۆزلەرنى قىلىدۇ. كېيىن مۇرەككەپ سۆزلەرنى سۆزلىيەلەيدۇ. ھەرىكىتىمۇ ئاۋۋال ئاددىي، كېيىن كۆپىيىدۇ. كېيىن تەدرىجى نىسبەتەن ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ.
- شەخىسلەر ئارا پەرقى: بالىلارنىڭ ھەر قايسىسىدە بەدەننىڭ يېتىلىشى مۇتلەق بىر خىل بولمايدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش جىنىستىكى ساغلام بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بويىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۆز ئارا ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئوتتۇرىچە ئۆلچەم پەقەت كۆپ سانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلاردىكى ئۆزگىرىش يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شەخسلەر ئارا پەرقنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىش يېتىلگەندە، پەرقى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
بەدەن تەرەققىياتىغا تەسىر قىلغۇچى ئامىللار:
- تۆرەلمە ئاتا-ئانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ئېرقى، بەدەن قامىتى، قاتارلىقار، ئانىنىڭ ھامىدار مەزگىلىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى،تۇرمۇش شارائىتى، خىزمەت مۇھىتى، ھامىلدارلىق قېتىمى قاتارلىقلار تۆرەلمىنىڭ تەرەققىياتىغا تسەسىر كۆرسىتىدۇ.
- ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۆزلۈكسىز ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقتىن، سىرتقى مۇھىتنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن زىچ بولىدۇ. پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلى ھاۋا، كۈن نۇرى، ئىسسىقلىق، تازىلىق قاتارلىقارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
- ئوزۇقلۇقنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىغا قارىتا تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن: يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى ۋە مىقتارى، تۈرى، بېقىش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
- چېنىقىش ۋە كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانىزىمنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مۇۋاپىق چېنىقسا، بولۇپمۇ چوڭراق ياشتىكى بالىلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن ھەرخىل كېسەللەرگە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش