سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بالىلار ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرى، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ ئۈمىدى، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ بارلىقى ھېسابلىنىدۇ. بىراق تۇرمۇشتا شۇنداق بىر توپ ئالاھىدە بالىلار بار، ئۇلار زىيادە جىمغۇر بولۇپ، ئاسانلا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇلار دەل خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردۇر. خامۇشلۇق كېسەللىكى بىر خىل ئالاھىدە يېتىلىش تۈرىدىكى توسالغۇ كېسەللىكى بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدۇ، بۇ كېسەللىك ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى چۈشىنىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار شۇنداق قىلغاندىلا بالىلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ.
بالىلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغان؟
1. ئىرسىيەت ئامىلى
بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىرسىيەت ئامىلى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ نېرۋا باغلىنىشچانلىقى بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
2. مۇھىت ۋە تۇغۇت ئالدى-كەينى مەزگىلىدىكى ئامىللار
مۇھىت ھەر خىل زىيانلىق ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر دائىم غەيرىي شەكىللىك ياكى رادىيوئاكتىپ ماددىلارنى قوبۇل قىلسا، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ياكى تۇغۇت ئالدى-كەينى مەزگىلىدە يۇقۇملانسا، ئىككىنچى قېتىملىق زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بالىلار خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؟
1. پىكىر ئالماشتۇرۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش
كۆپ ساندىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قورقىدىغان بولۇپ، نورمال كىشىلەرنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمەيدۇ، باشقىلار بىلەن توغرا پىكىرلىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىل ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلاردا بىر قاتار ئەھمىيەتسىز تەكرارلىق پەيدا بولۇپ، تىل جەھەتتە بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ.
2. يۈرۈش-تۇرۇشى نورمالسىز بولۇش
كۆپ قىسىم بىمارلاردا باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقە كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلار سىرتقى مۇھىتقا نىسبەتەن سەزگۈر بولمايدۇ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرماسلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرىكىتى بىر قەدەر بىنورمال بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر خىل ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان قىزىقىشى بولىدۇ، ئەمما باشقىلارغا قىزىقمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر خىل غەلىتە ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ، مەسىلەن زىيادە يىغلاپ جېدەل قىلىش، ئەخمەقلەرچە كۈلۈش قاتارلىقلار.
3. ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش
بەزى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۆگىنىشتە قىينىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا توسالغۇغا ئۇچراپ، باشقىلار ئۆگەتكەن بىلىملەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىمۇ نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولىدۇ. بىراق بەزى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، مەلۇم ساھەدە گەۋدىلىك ئۆگىنىش ھەرىكىتى بولىدۇ، ئەمما باشقا جەھەتلەردە نورمال كىشىلەردىن ئاجىز بولىدۇ، ھەتتا ئادەتتىكى كىشىلەرگىمۇ ئوخشىمايدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتمە: بالىلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ سەۋەبى بار، ئاتا-ئانىلار بۇنى چۈشىنىپ باقسا بولىدۇ، بالىلاردا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان چوڭ مېڭىسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلىشى ھەمدە بالدۇر تەييارلىق قىلىشى كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن، خامۇشلۇق كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاتقاندا، ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، بالىنىڭ تۇرمۇشىنى نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17694964.shtml