1 .بالىلار كۈندۈزى ئويناپ چارچاپ كەتسە ، ئۆگىنىش يۈكى ئېغىرلاشسا ، بەك ھاياجانلىنىپ كەتسە ۋە جىددىيلىشىپ كەتسە چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ .
2.مەددە قۇرت كىچىك ئۈچەينى غىدىقلاپ ، چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى بىلەن بىرلىكتە نېرۋىلارنى غىدىقلايدۇ ۋە ئىڭەكنىڭ ئۆزلىكىدىن ھەركەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، چىش غۇچۇرلاشنى پەيدا قىلىدۇ .
3.ئەگەر كەچلىك تاماق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۈچەيدە تېخى ھەزىم قىلىنمىغان يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ . نەتىجىدە بالىلاردىكى چىش غۇچۇرلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
4.ئېغىز ۋە بۇرۇن كېسەللىكلىرىمۇ بالىلارنىڭ كېچىسى چىشىنى غۇچۇرلىتىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
5. ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى چىشلار بىر–بىرىگە تولۇق تېگىشمىسە ، چىش ئەتراپى پەردىسىنىڭ بېسىمى ئېغىرلاپ ، چىش غۇچۇرلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.