ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئۇيغۇر تېبابىتى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىئۇيغۇر تېبابىتىدە ھامىلدارلىققا دىئاگنوز قويۇش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھامىلدارلىققا دىئاگنوز قويۇش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۇيغۇر تىبابىتىدە  ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇش ۋە ھامىلىدارلىقتىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى بايقاش، بىر تەرپ قىلىش ئۇسۇللىرى يۇقىرىدىكى ماۋزۇللاردا تونۇشتۇرۇلدى. تۆۋەندە تېبابەتنىڭ قەدىمكى ئۇسۇللىرى بىلەن زامانىۋى تېبابتنىڭ قەدىمكى ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھامىلىدارلىقا دىئاگنوز قويۇش ۋە يېڭىچە تۇغۇت قوبۇل قىلىشنىڭ بىر قاتار ئۇسۇل-چارىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. يېڭى دەۋرىگە خىزمەت قىلىدىغان تېبابەت ۋارسىلىرىنىڭ بۇ بىر تۇغۇتشۇنالىق بىلىملىرىدىن ئەلۋەتتە خەۋەردار بولۇشى ۋە ئىگىلىشى زۆرۈر.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھامىلدارلىققا دىئاگنوز قويۇش

ھامىلىدارلىقنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنىڭ ئومۇمىي جەريان مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 12-ھەپتىسىنىڭ ئالدى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىق، 12-28 ھەپتىگىچە بولغان قىسمى ئوتتۇرا باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىق، 28-40 ھەپتىسىنى ئاخىرقى باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ.

1. دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇش.

1) ھەيز توختاش: تېنى ساغلام، ھەيز كۆرۈش توغرا بولغان تۇغۇش يېشىدىكى ئاياللاردا ھەيز توختاش ھادىسىسى سادىر بولسا ئالدى بىلەن ھامىلىدارلىقنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك.

2) دەسلەپكى ھامىلىدارلىق ئىنكاسلىرى (سىزىك): ئادەتت ھەيز توختاپ ئالتە ھەپتە ئەتراپىدا ئاياللاردا باش قېيىش، ئۇيقۇچانلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، تاماق تاللاش، ئشتىھا تۇتۇلۇش، شۆلگەي ئقىش ھەتتا قۇسۇشتەك ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. ئادەتتە بۇلار ھامىلىدالىقنىڭ دەسلەپك ئىنكاسلىرى دەپ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 12 ھەپتىدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ

3) تومۇر رايونى: بىلەيزۈك بوغۇمدىن ئوڭ، سول قوللرنىڭ تومۇرىنى تۇتقاندا سىلىق بولسا،  بولۇپمۇ سول قول تومۇرى سىلىق بىلىنسە ھامىلىدارلىق ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىشى لازىم.  ئەمما تېنى ئاجىز، ئاياللارنىڭ تومۇرى ئادەتتىكى چاغلاردىم (ئاجىز) زەئىپ سوقىدۇ. ئەگەر ھەيز توختىغىلى ئىككى ئاي بولغاندىمۇ بىلەيۈزۈك بوغۇمدىن تومۇرنى قارشىلىقسىز تۇتقىلى بولسا ھامىلىدارلىقنى ئەسكە ئېلىش كېرەك.

4) ئىچكى تەكشۈرۈش: جىنسىي يول تاملىرى، بالىياتقۇ بوينى كۆكۈش سۆسۈن رەڭگە كىرىدۇ ۋە بوشاپ كېتىدۇ. بالىياتقۇ يوغىنىغان، يۇمشاقلاشقان بولىدۇ، بالىياتقۇ خۇددى تۇتاش ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىپتىدائى ھامىلدارلىق بەلگىلىرىدۇر. ھامىلىدارلىق ئەمدىلا باشلانغاندا بالىياتقۇنىڭ ئالدى-ئارقا دىئامېتىرى قېلىنلىشىپ تولغاندەك بىلىنىدۇ، ئالتە ھەپتىدە شار شەكلىگە كىرىدۇ. كېيىن ھامىلىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدىن-پەي يوغىنايدۇ، ئالتە ھەپتىدە غاز تۇخۇمى چوڭلۇقىغا، 12 ھەپتىدە مۇشتۇمدەك چوڭلۇققا يېتىپ بارىدۇ، بالىياتقۇنىڭ تۈۋى داس سۆڭەكتىن ھالقىپ چىقىپ دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسى ئەتراپىدا قولغا بىلىنىشى مۇمكىن.

5) ئمچەكتىكى ئۆزگىرىش: ئەمچەك زورىيىدۇ، ئەمچەك تۈگمىسى ۋە ئەتراپتىكى ھالقا سىزىقلار قارىيىدۇ، ئەمچەك چىڭقىلىدۇ.  باسسا ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

6) سۈيدۈكتىك ئۆزگىرىش: ھامىلىدارلىقتا سۈيدۈكتە چۆكمە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ھامىلىدار ئايالنىڭ سۈيۈكىنى سۈزۈك ئاق شېشىگە ئېلىپ بىر مۇددەت توختۇتۇلسا خۇددى پاختا يىپلىرىغا ئوخشاش چۆكمە ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ.

2. ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى ھامىلىدارلىققا دىئاگنوز قويۇش.

ھاملىدارلىقنى 16-ھەپتىسىدىن كېيىن ھامىلىنىڭ قول-پۇتلىرى ھەركەتلىىشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن ھامىلىدار ئايال ھامىلە تەۋرىگەنلىكىن ھېس قىلىدۇ، قورسىقى تەدرىجىي زورىيىدۇ. تۇتۇپ تەكشۈرگەندە قورساق ئىچىدەبالىياتق تۈۋىنىڭ ئايمۇ-ئاي يۇقىرى كۆتۈرلىۋاتقانلىقى بىلىنىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 20-ھەپتىسىدىن كېيىن قورساق تېى ئارقىلىق بالىنىڭ قول-پۇتلىرىنى ياكى خۇددى ليلەپ تۇرغان توپقا ئوخشاش بالىنىڭ كاللىسىنى بايقاش مۇمكىن. تىڭشاپ تەكشۈرگەنە ھامىلە يۈرەكنىڭ مىنۇتىغا 10-160 قېتىم سوققان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ھامىلە يۈرەك تاۋۇشىنى ئاڭلاش بىلەن دىئاگنوزنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولسىمۇ لېكن مەزكۇر ئاۋازنى ئانا ئائورتا تومۇرنىڭ ئاۋازىدىن پەقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش لازىم.

3. ئۈلۈك ھامىلىگە دىئانوز قويۇش.

ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قالسا ئۆلۈك ھامىلە دپ ئاتىلىدۇ.

1) دەسلەپكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆلۈك ھامىلىگە دىئاگنوز قويۇش: دەسلەپكى باسقۇچتىك ئۆلۈك ھامىلىنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىش بىلەن ھامىلىدارلىق ئاياغلىشىدۇ. ناۋادا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى سادىر بولمىسا دىئاگنوز قويۇش تەسرەك بولۇپ، بىر مۇددەت كۆزۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ھامىلىدر ئايالنىڭ ئۆزىگە سېزىلىدىغان رېئاكسىيىلەر يوقىلىدۇ. ئىچكى تەكشۈرۈش قىلغاندا بالىياتقۇ داۋاملىق زورايمىغان بولۇپ بالىياتقۇنىڭ بۇ خىل ئەھۋالى ھاملىدارلىق ئېيى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. يۇقرىقىلارغا قاراپ ھامىلە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى گۇمان قىلىش كېرەك.

2) ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى باسقۇچتىك ئۆلۈك ھامىلىگە دىئاگنوز قويۇش: ھامىلىدارلىقنىڭ 16-ھەپتىسىدىن كېيىن ئەگەر ھامىلە ئۆلۈپ قالغان بولسا ھامىلىدار ئايالنىڭ جىنسىي يولىدىن قارامتۇل قان كېلىدۇ، تىلىنى سۆسۈن قارا رەڭ قاپلايدۇ. تومۇر چۆككەن بولىدۇ. تەكشۈرگەندە ھامىلىنىڭ يۈرە ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ. بالىياتقۇنىڭ چوڭلۇقى ھامىلىدارلىق ئاي سانىغا قارىغاندا كىچىك بولۇپ داۋاملىق كۆزەتكەندىمۇ يەنىلا زورايمايدۇ. ئەكسىچە كىچىكلەپ كېتىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 10:31:29

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ