بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش: سەۋەبى، ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى
بالىلارنىڭ قۇلىقىدىن يىرىڭ ئېقىش، ئادەتتە قۇلاق يولى ياكى ئوتتۇرا قۇلاقتا بىرەر ياللۇغلىنىش بارلىقىنىڭ سىگنالىدۇر. بولۇپمۇ كىچىك بالىلاردا يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، زۇكام ياكى گال ئاغرىقىدىن كېيىن قۇلاق ياللۇغى ئاسانلا كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئەھۋال كۆرۈلگەندە ئاتا-ئانىلار ئالدىراپ كەتمەسلىكى، شۇنداقلا قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى
بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىشنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبى «ئۆتكۈر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى» دۇر. بالىلار زۇكام بولغاندا، بۇرۇن بوشلۇقى بىلەن قۇلاقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان يۇتقۇنچاق ناغرا نەيچىسى ( Eustachian Tube ) ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ ۋە باكتېرىيەلەر ئوتتۇرا قۇلاققا ئۆتۈپ ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. ياللۇغ كۈچىيىپ يىرىڭ توپلانغاندا، بېسىم سەۋەبىدىن قۇلاق پەردىسى تېشىلىپ، يىرىڭ سىرتقا ئېقىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سىرتقى قۇلاق يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى ياكى قۇلاققا يات جىسىم كىرىپ قېلىشمۇ يىرىڭ ئېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قۇلاقتىن يىرىڭ ئاققاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
يىرىڭ ئېقىشتىن ئىلگىرى بالىدا ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ:
- قۇلاق قاتتىق ئاغرىش (بالا قۇلىقىنى تۇتۇپ يىغلايدۇ).
- يۇقىرى قىزىتما چىقىش.
- ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تۆۋەنلەش.
- تەشۋىشلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىشتىھاسىزلىق.
- يىرىڭ ئاققاندىن كېيىن، ئادەتتە قۇلاق ئاغرىقى بىر ئاز پەسىيىدۇ، چۈنكى بېسىم تۆۋەنلەيدۇ.
يىرىڭ ئاققاندا ئاتا-ئانىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
بالىنىڭ قۇلىقىدىن يىرىڭ ئاققانلىقىنى بايقىغاندا، ئۆيدە تۆۋەندىكىدەك جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش زۆرۈر:
- قۇلاقنى قۇرۇق تۇتۇش: سىرتقا چىققان يىرىڭنى پاكىزە پاختا ياكى داكا بىلەن يەڭگىل سۈرتۈۋېتىڭ، ئەمما قۇلاق تۆشۈكىنىڭ ئىچىگە پىلتە ياكى باشقا نەرسىلەرنى تىقماڭ.
- سۇ كىرىشتىن ساقلىنىش: يۇيۇندۇرغاندا قۇلىقىغا سۇ كىرىپ كەتمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.
- قالايمىقان دورا تامچىلاتماسلىق: دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىسىز قۇلاققا ماي، ئىسپىرىت ياكى باشقا دورىلارنى تامچىلاتماڭ، چۈنكى قۇلاق پەردىسى تېشىلگەن بولسا، بۇ نەرسىلەر ئىچكى قۇلاققا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
دوختۇرغا قاچان بېرىش كېرەك؟
قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش جىددىي ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ قۇلىقىدىن يىرىڭ ئاقسا، ئەڭ ياخشىسى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇلاق-بۇرۇن-گال كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا ، ئائىلە دوختۇرىغا، ياكى جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كۆرسىتىش كېرەك. بولۇپمۇ قىزىتما ئۆرلەپ كەتسە، بالا ئاغرىققا چىدىماي بەك يىغلىسا ياكى يىرىڭ بىلەن بىرگە قان ئارلاشسا، ھەرگىز كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. دوختۇر قۇلاقنىڭ ئىچىنى پاكىزلىغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق ئانتىبىيوتىك ياكى قۇلاق تامچە دورىلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمىسە، ياللۇغ مېڭىگە ئۆتۈپ كېتىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
بالىلاردىكى قۇلاق ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، بالىنى زۇكامدىن ساقلاش كېرەك. بالىنى ئېمىتكەندە بېشىنى سەل ئېگىز تۇتۇپ ئېمىتىش (ياتقۇزۇپ ئېمىتمەسلىك) سۈتنىڭ قۇلاققا كېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىنىڭ يېنىدا تاماكا چېكمەسلىك كېرەك، چۈنكى تاماكا ئىسى بالىلارنىڭ نەپەسلىنىش يولىنى غىدىقلاپ، قۇلاق ياللۇغى پەيدا بولۇشنى قولايلاشتۇرىۋېتىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش كۆپىنچە ئەھۋالدا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ۋاقتىدا داۋالانسا، قۇلاق پەردىسى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما سەل قارالسا، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغقا ئايلىنىپ، بالىنىڭ كېيىنكى ئاڭلاش ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بالىڭىزنىڭ قۇلاق ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇماڭ.


