بىرىنجى قىسىم: كىرىش سۆز
ئىنسانلار ئۇزۇن مۇددەت كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتتىكى مول تەجرىبىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تىببىي نەزىرىيىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بارا-بارا كلىنىكىلىق تىببىي ئىلىم ۋە باشقا ھەرقايسى پەنلەرنى شەكىللەندۈردى.
ئىچكى كېسەللىكلەر كلىنىكا تىببىي ئىلمىنىڭ بىر پېنى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمونى فىزىئولوگىيە، پاتولوگىيە، مىكرو بىئولوگىيە ، ئىممۇنىتلوگىيە ۋە فارماكولوگىيە قاتارلىق ئاساسىي پەنلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بىئولوگىيە، خىمىيە، فىزىكا پەنلىرى ۋە باشقا ئاساسىي تىببىي پەنلەر نەزىرىيىسى ھەمدە تېخنىكا جەھەتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش بولغاچقا، كلىنىكا تىببىي پەنلىرى ۋە ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىمۇ مۇناسىپ ھالدا تېز تەرەققىياتقا ئېرىشتى
ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىملىقى
ئىچكى كېسەللىكلەر كلىنىكا تىببىي ئىلمىنىڭ بىر پېنى ولۇپ، باشقا كلىنىكا تىببىي پەنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمىي كېسەللىكنىڭ سەۋەبى، كېسەل بولۇپ مىخاينىزىمى، دىئاگنوز قويۇش پرىنسىپلىرى قاتارلىقلارنى بايان قىلغاچ، كلىنىكا تىببىي ئىلمىنىڭ ھەرقايسى پەنلىرىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئوموميۈزلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ نەزىرىيە ئورنىتىپلا قالماستىن بەلكى باشقا كلىنىكا تىببىي پەنلەرنى ئۆگىنىش ، ئىگەللەتىمۇ مۇھىم ئاساس بولىدۇ.
ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى ۋە مەزمونى
ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، نەپەس سىستېمىسى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، قان ئايلىنىش سىستېمىسى ، سۈيدۈك چىقىرىش سىستېمىسى، قان ئىشلەش سىستېمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى ، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە بوغۇم قاتارلىق سىستېمىلار توقۇلمىلاردىكى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن تاشقىرى يەنە فىزىكا، خىمىيە، روھىي ئامىل قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدىكى ھەربىر سىستېما كېسەللىكلىرى ئالدىدا ئومومىي نەزىرىيە بولۇپ، شۇ سىستېمىا كېسەللىكلىرىنىڭ ئورتاق نۇقتىلىرى چۈشەندۈرىلىدۇ.
ھەربىر كېسەللىك تەرىپى، كېسەللىك سەۋەبى ۋە مىخاينىزمى، پاتووگخيىلىك ئاناتومىيىسى، كلىنىكىلىق ئىپادىسى، لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش قوشۇمچە كېسەللىكلىرى، دىئاگنوز قويۇش ۋە سېلىشتۇرما دىئاگنوزى، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ مەزمونلار ئىچىدە كېسەللىك سەۋەبى، كېسەللىك پەيدا بولۇش مىخاينىزىمى، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش مۇھىم نۇقتىدۇر. پەقەت كېسەللىكنىڭ سەۋەبى، پەيدا بولۇش مىخاينىزمى ۋە كلىنىكىلىق ئىپادىسىگە قارىتا تولۇق چۈشەنچىگە ئېگە بولۇپ توغرا دىئاگنوز قويغاندىلا، ئاندىن ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ، كېسەللىكنى مۇۋاپىق داۋالىغىلى بولىدۇ. بالدۇر دىئاگنوز قويۇش بالدۇر داۋالاشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر.
ئىچكى كېسەللىكلەر
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
بۇ كىتاپ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشىر قىلىنغان، 1-نەشرى 5-قېتىملىق باسمىسىغا ئاساسەن 1986-يىل 11-ئاي تەرجىمە نەشىر قىلىنغان
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت ئېلى ئەيسا، ئابدىقادىر قەييۇم، ئىلغار سابىت
تەرجىمە تەھرىرى: غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررىكتور: ئېلى روزى
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرجىمە – نەشىر قىلدى
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇرمەمەت دوختۇر)