يوتا سانجىلىپ ئاغرىش يوتا قىسمىدا پەيدا بولغان تۇيۇقسىز، قىسقا ۋاقىتلىق ئۆتكۈر ئاغرىقنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بەلكىم بىر نەچچە سېكۇنتتىن بىر نەچچە مىنۇتقىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئاغرىقنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ مۇسكۇل، نېرۋا، سۆڭەك ۋە باشقا سىستېمىلاردىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەرب تېبابىتىدە يوتىنىڭ سانجىلىپ ئاغرىشىنىڭ سەۋەبىگە چوڭقۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم.
سەۋەبى:
1. مۇسكۇل سوزۇلۇپ زەخىملىنىش ياكى زورۇقۇش:زىيادە ئىشلىتىش ياكى تۇيۇقسىز ھەرىكەت قىلىش مۇسكۇل ياكى پەي زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش:ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى بېسىلغاندا ياكى غىدىقلانغاندا ساغرىسىدىن پۇتقىچە سانجىلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش:بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ئەتراپتىكى نېرۋىلارنى بېسىۋېلىپ، يوتىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. قان تومۇر مەسىلىسى:ئەگەر چوڭقۇر ۋېنادا قان نۆكچىسى شەكىللەنسە ياكى ئارتېرىيە ئۆسمىسى يوتىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. باشقا سەۋەبلەر:مەسىلەن، سۆڭەك سۇنۇش، بوغۇم ياللۇغى، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش:دوختۇر كېسەللىك تارىخىنى سورايدۇ، بەدەن تەكشۈرىدۇ ھەمدە يوتىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ۋە مۇقىملىقىنى كۆزىتىدۇ.
2. سۆرەتلەش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:X نۇرى، MRI نۇرى ياكى CT سۈرىتى قاتارلىقلار سۆڭەك سۇنۇش، ئۆسمە ياكى باشقا قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ بار – يوقلۇقىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
3. نېرۋىنى ئېلېكتروفىزىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش:مەسىلەن، نېرۋىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق نېرۋىنىڭ ئىقتىدارىنى باھالىغىلى بولىدۇ.
4. قان تەكشۈرۈش:يۇقۇملىنىش ياكى باشقا ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
5. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش:قان تومۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قان ئېقىش ئەھۋالىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. دورا بىلەن داۋالاش:مەسىلەن:سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلار ( NSAIDs ) ،مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرغۇچى دورىلار ياكى ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار.
2. فىزىكىلىق داۋالاش:مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاغرىقنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
3. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:ئېغىر قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، مەسىلەن، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ياكى سۆڭەك سۇنۇش قاتارلىقلارنى ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك.
4. باشقا داۋالاش:يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش، ئۇۋۇلاش ياكى ئىسسىق/سوغۇق ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار.
ئەگەر سىز ياكى سىز تونۇيدىغان كىشىلەردە يوتا سانجىپ ئاغرىش مەسىلىسى بولسا، ۋاقتىدا دوختۇردىن ياكى كەسپىي داۋالاش ئورگانلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ باھالاش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.