ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقبوۋاق بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىغا بولغان تەلىپى

بوۋاق بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىغا بولغان تەلىپى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئوزۇقلاندۇرۇش بالىلار كېسەللىك ئىلمىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشتىكى ئاساسلىق ھالقىدۇر. توغرا بېقىش يالغۇزلا بالىنىڭ سالامەت ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن بەلكى ھەر خىل يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك كېسەللەرگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. يېشى قانچىكى كىچىك بولسا، ئۆسۈپ يېتىلىشى شۇنچە تېز بولىدۇ. ئوزۇقلۇققا بولغان تەلىپى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن ھەزىم قىلىش خىزمىتى مۇكەممەل بولمىغاچقا مۇۋاپىق بېقىلمىسا ئوڭايلا ئىچى سۈرۈش ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى يۈز بېرىدۇ.

1) ئاقسىل: ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلارنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق تەركىپ بولۇپ، ئومومىي ئىسسىقلىقنىڭ 15%نى ئىگەللەيدۇ. ئاقسىللار ئورگانىزىمنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزىمنىڭ سەرپىياتىنى تولۇقلايدۇ. بىر قىسىم ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاقسىلدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈرى ۋە مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يېمەكلىكلەر ئىچىدە سۈت، تۇخۇم، گۆش بېلىق ۋە پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بەدەندە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىنو كىسلاتا بولىدۇ. بۇغداي ، تېرىقتىكى ئاقسىللارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدۇ. ھەرخىل يېمەكلىكلەرنىڭ بىلا ۋاقىتتا ئىشلىتىش بىرخىل يېمەكلىكنى يەككە ئىشلەتكەندە نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك خاراكتىرلىك يېمەكلىكلىرى بىلەن بېقىش تېخىمۇ زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى ھەرخىل يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىل تەركىبىدە كەم بولسا بولمايدىغان – ئامىنو كىسلاتانىڭ خىللىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئارىلاش ئىشلەتكەندە ئۆز ئارا تولۇقلايدۇ. بالىلار ئۆزلۈكسىز ئۆسۈپ تەرەققىي قىلغانلىقتىن ئازوت ئوڭ تەڭپۇڭلىقى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاقسىللارغا بولغان تەلەپ چوڭلارغا نىسبەتەن نىسپىي ھالدا يۇقىرى بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا ھەركۈنى ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن 2-2.5 گرام ، كالا سۈتى بىلەن بېقىلغۇچىلارغا تەخمىنەن 3-4 گرام تەلەپ قىلىدۇ. ئارىلاش بېقىلغانلارغا تەخمىنەن 3 گرام تەلەپ قىلىدۇ. مەكتەپ يېشىدىن ئاۋۋالقى ئۆسمۈرلەر 3-3.5 گرام، مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەر 2-2.5 گرام تەلەپ قىلىدۇ، ئاقسىلنىڭ ھەر گرامىدىن 4.1 كالورىيە ئىسسىقلىق ھاسىل بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئاقسىل يېتىشمىسە ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى، مۇسكۇللار بوشىشىش، قارشىلىق تۆۋەنلەش، ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىش توختاپ قېلىش، قان ئازلىق ۋە سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ. ئاقسىللار زىيادە كۆپىيىپ كەتسە، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى، قۇسۇش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاقسىللار پارچىلىنىپ ئامىنو كىسلاتا ھاسىل بولغاندىن كېيىن كىچىك ئۈچەيدە شۈمۈرۈلىدۇ. يېشى قانچىكى كىچىك بولسا شۈمۈرۈش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئادەم سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلاردا ئازوتنىڭ شۈمۈرۈلۈش نىسبىتى 90% غا يېتىدۇ. ئارىلاش ۋە سۈنئىي بېقىلغان بالىلارنىڭ شۈمۈرۈش نىسبىتى سەل تۆۋەن بولىدۇ.

2) ماي: ماي بولسا بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىدۇر. بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىگىدە ماي تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق ئومومىي ئىسسىقلىقنىڭ تەخمىنەن 35% نى تەشكىل قىلىدۇ. ماي، مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنى ئېلىپ يۈرۈيدۇ. بەدەن تېمپىراتۇسىنى تەڭشەيدۇ. ئەزالارنى زەخىملىنىشتىن ساقلاپ ئاسرايدۇ. ماينىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ھايۋان مېيى، ئۆسۈملۈك مېيى، قايماق، تۇخۇم سېرىقى، گۆش، بېلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بوۋاقلار ھەركۈنى كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 4 گرام ماي تەلەپ قىلىدۇ. مەكتەپ يېشىدىن ئاۋالقى ئۆسمۈرلەر تەخمىنەن 2-3 گرام، مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەر 2-2.5 گرام تەلەپ قىلىدۇ. ھەر گرام مايدىن 9.3 كالورىيە ئىسسىقلىق ھاسىل بولىدۇ. ماي ئۇزۇن مۇددەت ېتىشمىسە، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى يۈز بېرىپ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ. زىيادە كۆپ بېرىۋەتسە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى ياكى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش پەيدا بولىدۇ. ئانا سۈتىدە ماينى پارچىلىغۇچى، ماي پارچىلاش فېرمىنتى بولغانلىقتىن ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغاندا تەخمىنەن 95% ماي شۈمۈرىلىدۇ. كالا سۈتى بىلەن بېقىلغانلاردا ئاران 80-85% شۈمۈرىلىدۇ. پايدىلىنىلمىغان ماي چوڭ تەرەتتىن چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ تەرىتىدە ئېرىگەن ۋە ئېرىمىگەن سوپۇن پارچىسىدەك تەرەت نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. چوڭ تەرەت سۇس سېرىق رەڭدە بولىدۇ.

3) قەنت: بەدەننى تەمىنلىگۈچى ئىسسىقلىقنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق مىقتارى، ئومومىي ئىسسىقلىقنىڭ تەخمىنەن 50%نى ئىگەللەيدۇ. ئاقسىللارنىڭ سەرپىياتىنى ئىقتىسات قىلىپ ماينىڭ ئوكسىتلىنىشىغا ھەمكارلىشىدۇ. بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلار ھەركۈنى ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 12 گرام تەلەپ قىلىدۇ. 2 ياشتىن يۇقىرىلار تەخمىنەن 10گرام تەلەپ قىلىدۇ. قەنتنىڭ ھەر گىرامى 4.1 كالورىيە ئىسسىقىلىق بېرىدۇ. كۈندىلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدىكى قەنتنىڭ تۇتقان مىقتارى مول بولىدۇ. ئوڭايلىقچە كەملىمەيدۇ. الىلار ئۇزۇن مۇددەتكىچە قەنتنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىپ، ئاقسىل بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەنمىسە ئوزۇقلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ. قەنتلەر ئىچىدە يەككە قەنتتىن (مونو ساخخار) باشقا خىلدىكى قەنتلەر ئاۋۋال ھەزىم قىلىش فېرمېنتى تەرىپىدىن پارچىلىنىپ، يەككە قەنتكە ئايلانغاندىن كېيىن ئاندىن كىچىك ئۈچەيدە شۈمۈرىلىدۇ. قالغان قىسمى يانپاش ئۈچەينىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا ۋە چەمبەر ئۈچەيدە، باكتېرىيىنىڭ تەسىرىدىن ئېچىپ پارچىلىنىپ، سۈت كىسلاتاسى ۋە باشقا تۆۋەن دەرىجىدىكى ماي كىسلاتاسى ھاسىل قىلىدۇ. بۇخىل كىسلاتالىق مەھسۇلاتلار ئچەينىڭ قىمىرلاش ھەرىكىتىنى غىدىقلاپ كالتسىي فوسفورنىڭ شۈمۈرۈلىشىنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئېچىش زىيادە بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلىشى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرىدىكى 3 خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئومومىي كالورىيە بىلەن تەمىنلىشى ئىچىدە قەنت ئاساسلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ماي تۇرىدۇ. ئاقسىل ئاساسلىقى يېڭىدىن ھاسىل بولۇش ۋە توقۇلمىلارنى قايتا تىكلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇچىنىڭ ئوتتۇرىسا بەلگىلىك نىسبەت بولۇشى لازىم.

(1) ئومومىي تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق ئىچىدە ئەگەر ماي بىلەن تەمىنلەش زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، قەنت يېتىشمىسە، ماي كۆپ مىقتاردا ئوكسىدلىنىپ كۆپلەپ كېتون ھاسىل بولۇش بىلەن ئورگانىزىمنىڭ پايدىلىنىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ.

(2) ئەگەر ئومومىي ئىسسىقلىق مىقتارى ئاساسلىقى قەنت ۋە ماينىڭ تولۇق تەمىنلىشىدىن بولسا ئاقسىلنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سەرپىياتىنى تېجەپ، بەدەندىكى ئازوت زاپىسىنى ئاشۇرىدۇ.

(3) ئەگەر قەنت بىلەن تەمىنلەش زىيادە كۆپ بولۇش بىلەن ئاقسىللار زىيادە ئاز بولسا (ئەڭ تۆۋەن ئىھتىياجقا يېتىشمىسە) يەنىلا ئازوتنىڭ تەتۈر تەڭپۇڭلىقى پەيدا بولىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ دەرىجىسى سەل يەڭگىل بولىدۇ. بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرى بوشىشىپ پوپاڭ سېمىز ياكى سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ ھەمدە ئوڭايلا يۇقۇملىنىدۇ.

(4) ئەگەر ئومومىي ئىسسىقلىق ۋە ئاقسىل بىردەك ئەڭ تۆۋەن ئىھتىياجىغا يەتمىسە ئىچكى مەنبەلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار (مەسىلەن: ئاقسىل، ماي قاتارلىقلار) نىڭ سەرپىياتى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئازوت تەتۈر تەڭپۇڭلىقى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئوڭايلا ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى يۈز بېرىدۇ.

(5) ئومومىي ئىسسىقلىق مىقتارى يېتىشمىگەندە، ئەگەر ئاقسىل بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتكەندە، ئاقسىللارنىڭ كۆپچىلىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە سەرپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئازوت تەتۈر تەڭپۇڭلۇقى يۈز بېرىش جىگەر ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇنداقلا ئاقسىلنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت رولىي نىسبەتەن چوڭ بولغانلىقتىن، ئورگانىزىمنىڭ نورمىدىن سىرتقى ئىسسىقلىقنىڭ سەرپىياتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئىسسىقلىق مىقتارى ئەڭ تۆۋەن ئىھتىياجتىن يۇقىرى بولغاندا، ئاقسىل مىقتارىنى كۆپەيتكەندە ئاندىن بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ. شۇڭلاشقا قەنت ۋە مايلارنىڭ ئاقسىللارغا نىسبەتەن قوغداش رولى بار دەپ قاراپ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئاقسىل مىقتارىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ. برى تەرەپلىمىلىك ھالدا ئاقسىللارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تەكىتلەش بىلەن ئومومىي ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ئۈچىلىسىنىڭ نىبىتى مۇۋاپىق بولسىلا، ئاندىن ھەرقايسىسىنىڭ ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسسىقلىقنىڭ بىئولوگىيىلىك قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

4) ۋىتامىنلار: بۇلار ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ، لېكىن نورمال ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىنى تەڭشەشتە كەم بولسا بولمايدۇ. بوۋاق بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋىتامىنلار 1-3 جەدۋەلگە قارالسۇن.

بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-09-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-09-02 / 10:58:46

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ