ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىبالىڭىزنى قەرەللىك چېنىقتۇرۇپ تۇرۇڭ!

بالىڭىزنى قەرەللىك چېنىقتۇرۇپ تۇرۇڭ!

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

خىزمەت، ئىككىنچى بالام، ئۈمىد-ئارزۇلىرىم، دەرد، ھارغىنلىق،.. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىڭىزغا تېلېفون تۇتقۇزۇپ قويۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزدىڭىزمۇ؟ ياكى بىرەر كۇرسقا بېرىپلا قۇتۇلدىڭىزمۇ؟ ئەمما بىلەمسىز، بالىڭىز بىلەن قەرەللىك چېنىقىپ تۇرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياردىمىڭىز بولاتتى. بالىڭىزنى قەرەللىك چېنىقتۇرسىڭىز قانداق نەتىجىلەر بولىدۇ بىلگىڭىز بولسا، بىز سىزگە بىلىدىغىنىمىزدىن بىرقانچىسىنى دەپ بېرەيلى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

بالىڭىزنى قەرەللىك چېنىقتۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ!

1. بەدەن ئېغىرلىقى نورمال سەۋىيىدە بولىدۇ: چېنىقىپ تۇرۇش بالىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشىقا پايدىسى بولىدۇ ۋە سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. نورمال بولغان بەدەن ئېغىرلىقى يۈرەك ساغلاملىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2. سۆڭەك ۋە مۇسكۇللارنىڭ ساغلاملىقىنى كۈچەيتىدۇ: قەرەللىك چېنىقىش بالىلارنىڭ سۆڭەك ۋە مۇسكۇل سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ. سۆڭەكنىڭ زىچلىقى ئېشىپ، سۇنۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ، بويى ئۆسۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.

3. يۈرەك ساغلاملىقىنى قوللايدۇ: قەرەللىك ۋە رېتىملىق چېنىقىش يۈرەك ۋە قان سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ. دائىم چېنىقىش يۈرەك سوقۇشىنى ئاستا ئەمما ساغلام سەۋىيىدە تۇتالايدۇ ۋە قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.

4. روھىي ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ: قەرەللىك چېنىقىپ بېرىش، بالىلارنىڭ ئاندورفىن دەپ ئاتىلىدىغان خوشاللىق (بەخت) ھورمۇنىنى كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرىشىغا ياردەمدە بولىدۇ. بۇ ھورمون بالىلارنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ ، كەيپىيات ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى ساغلاملىقنى ياخشىلايدۇ.

5. ئىجتىمائىي ماسلىشىشچانلىقى يېتىلىدۇ: جىسمانىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، بالىلار دوستلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ ۋە گۇرۇپپا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، مۇناسىۋەت بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى يۇقىرىلايدۇ.

6. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ: دائىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى غىدىقلاپ، ئەقىل ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ، روھىي پائالىيەتىنىڭ تېز ۋە پوزىتىف تەرەپتە ئىتتىكلىشىشىگە ياردەمدە بولىدۇ.

7. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئاشىدۇ: قەرەللىك چېنىقىش جەريانىدا، ھەربىر قازانغان مۇۋەپپەقىيىتى چوڭ ياكى كىچىك بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. بۇ ئىشەنچ كېيىنكى ھاياتىدا يولۇقىدىغان ھەربىر ئۆتكەل قېيىنچىلىقتىن قورقماسلىقتا زور ياردىمى بولىدۇ.

8. ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ: قەرەللىك چېنىقىش، جىسمانىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە ئازادە ئۇخلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. يېتەرلىك ئۇخلاش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم.

بوۋاقلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام چوڭ بولۇشتا بىز ھەمدەمدە بولىمىز!
ھەرقايسى سوتسىيال تاراتقۇ قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ!

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-03 / 07:57:53

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ