بارمىقىڭىزدىكى سىرلىق رەسىملەر: سالامەتلىكىڭىزنىڭ يوشۇرۇن خەرىتىسى
ھەي، قولىڭىزدىكى ئاشۇ ئون دانە كىچىككىنە «گۇۋاھنامە»گە قاراپ بېقىڭە! ھەركۈنى ئىشلىتىپ يۈرگەن، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتتا دىققىتىمىزنى تارتمايدىغان بۇ بارماق ئىزلىرى بارغۇ، ئۇلار سىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ سىرلارنى يوشۇرۇپ يېتىپتۇ. ئۇلار پەقەت يانفونىڭىزنىڭ قۇلپىنى ئېچىش ياكى جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشتىلا ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز توغرىلىق شىفىرلىق ئۇچۇرلارنىمۇ ساقلايدۇ. قېنى، بىرلىكتە بۇ سىرلىق ئىزلارنىڭ تىببىي دۇنياسىنى بىر سەيلە قىلىپ كېلەيلى!
ھەر بىر ئىز – ئۆزگىچە ھېكايە
دۇنيادا بارماق ئىزى (fingerprints) پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىككى ئادەم يوق، بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. ھەتتا بىر تۇخۇملۇق قوشكېزەكلەرنىڭمۇ بارماق ئىزى ئوخشىمايدۇ. بۇ خۇددى تەبىئەتنىڭ ھەر بىرىمىزگە ئاتىغان ئۆزگىچە ئىمزاسىغا ئوخشايدۇ. بۇ ئىمزا بىز تېخى ئانىمىزنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمىزدىلا، تۆرەلمە دەۋرىنىڭ 6-ئېيىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلايدۇ ۋە بىر ئۆمۈر ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا، تېرىڭىزنى كۆيدۈرۈۋەتسىڭىزمۇ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىزمۇ، ئۇ ئەسلىدىكى ھالىتى بويىچە قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. بۇنى سىناپ باققان بەزى «ئەقىللىق» جىنايەتچىلەر ئاخىرىدا يەنىلا ئۆز ئىزىغا چۈشۈپ قالغان.
بارماق ئىزىنىڭ ئاساسىي تۈرلىرى
گەرچە ھەر بىر ئىز ئۆزگىچە بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارنى ئاساسلىق ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىيدۇ: ئوقيا شەكىللىك (Arch)، ئىلگەك شەكىللىك (Loop) ۋە شازا شەكىللىك (Whorl). كۆپىنچە كىشىلەردە ئىلگەك شەكىللىك بارماق ئىزى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ (تەخمىنەن %60-65)، ئارقىدىن شازا شەكىللىك (%30-35) كېلىدۇ، ئوقيا شەكىللىك بولسا ئەڭ ئاز ئۇچرايدۇ (تەخمىنەن %5). سىزنىڭكى قايسى تۈرگە كىرەركىن؟ ئۆزىڭىزنىڭكىنى كۆرۈپ بېقىڭ، بەلكىم ئۆزىڭىز ھەققىدە يېڭى بىر «بەلگە» تاپالىشىڭىز مۇمكىن!
بارماق ئىزىدىكى سالامەتلىك سىگناللىرى
ئەمدى ئەڭ قىزىقارلىق يېرىگە كەلدۇق! ئالىملار بارماق ئىزى (كەڭ مەنىدىن ئالغاندا ئالىقان ۋە تاپان ئىزلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن بەزى گېنىتىكىلىق كېسەللىكلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىغان. «دېرماتوگلىفيكا» (Dermatoglyphics) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تەتقىقات ساھەسى دەل تېرە ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىرسىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئانالىز قىلىدۇ.
مەسىلەن:
- دوۋن ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (Down Syndrome): بۇ كېسەللىك كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئالىقانلىرىدا كۆپىنچە ھاللاردا بىرلا تال توغرا سىزىق («مايمۇن سىزىقى simian line » دەپمۇ ئاتىلىدۇ) كۆرۈلىدۇ ۋە بارماق ئىزلىرىدىمۇ ئۆزگىچە شەكىللەر بولىدۇ.
- يۈرەك كېسەللىكلىرى: بەزى تەتقىقاتلاردا تۇغما يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ بارماق ئىزلىرىدە ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
- باشقا كېسەللىكلەر: شېكەر كېسىلى، ئېلىشىپ قېلىش كېسەللكى (schizophrenia) قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەنمۇ بارماق ئىزى شەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك باغلىنىشلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئەلۋەتتە، بۇ «بارمىقىڭىزدا مۇنداق سىزىق بولسا، سىز كېسەل» دېگەنلىك ئەمەس! بۇ پەقەت بىر ياردەمچى دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى بولۇپ، دوختۇرلار باشقا تەكشۈرۈشلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئالدىراپ ئالىقىنىڭىزغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىزگە «دىئاگنوز» قويۇۋالماڭ، ئاگاھ بولۇڭ!
نېمە ئۈچۈن بارماق ئىزىمىز بار؟
بۇ سوئال بەلكىم نۇرغۇن كىشىنىڭ كاللىسىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ ئومۇملاشقان قاراش شۇكى، بارماق ئىزلىرى نەرسىلەرنى تۇتۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، يەنى ئۇ سۈركىلىشنى ئاشۇرۇپ، قولىمىزدىكى نەرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. خۇددى ماشىنا بالونىدىكى نەقىشلەرگە ئوخشاش. يەنە بىر قاراشتا، بۇ ئىزلىرىمىز سەزگۈرلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ، تېگىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، دېيىلىدۇ. قايسىسى توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ بىزگە پايدىسى بارلىقى ئېنىق.
بارماق ئىزى يوق «سىرلىق جىنايەتچىلەر»
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سىز يانفونىڭىزنىڭ بارماق ئىزى سېنزورىنى ئىشلىتەلمەيسىز، دۆلەت ھالقىغاندا پاسپورت كونتروللۇقىدا بارمىقىڭىزنى سىكاننېرلىغىلى بولمىغاچقا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايسىز. بۇ بىر ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنونىڭ مەزمۇنى ئەمەس! « ئادېرماتوگلىفىيە ، تېرە ئىزى بولماسلىق » (Adermatoglyphia) دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر گېنىتىكىلىق كېسەللىك سەۋەبىدىن بەزى كىشىلەر تۇغۇلغاندىلا بارماق ئىزى بولمايدۇ. تىببىي جەھەتتىن بۇ ئەھۋال باشقا كىچىك تېرە مەسىلىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئۇلارنى ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيلا تەبىئىي «سىرلىق جىنايەتچى»گە ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بىرەر دوستىڭىز بارماق ئىزى سېنزورىنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقىدىن دائىم ئاغرىنسا، بەلكىم ئۇ ھەقىقەتەنمۇ… ئالاھىدە ئۆزگىچە بولۇشى مۇمكىنمىدۇ؟ بارمىقىغا قاراپ بېقىڭ جۇمۇ.
بارماق ئىزى ۋە مىجەز-خاراكتېر؟ قىزىقارلىق پەرەز ئويۇنى
ئەمدى، ئىلىم-پەن دائىرىسىدىن سەل چىقىپ، تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بىر تېمىغا ئۆتەيلى. بەزى كىشىلەر بارماق ئىزىڭىزنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى سىزنىڭ مىجەز-خاراكتېرىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، «شازا شەكىللىك» ئىزى كۆپ كىشىلەر مۇستەقىل ۋە ئانالىز قىلىشقا ماھىر، «ئىلگەك شەكىللىك» ئىزى بارلار بولسا تېخىمۇ كىرىشچان ۋە ئوچۇق-يورۇق دەپ قارىلىدۇ. بۇنى ئىسپاتلايدىغان پۇختا ئىلمىي ئاساس بارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە يوق. ئەمما بۇ بىر قىزىقارلىق ئولتۇرۇش ئويۇنى ئەمەسمۇ؟ قېنى، دوستلىرىڭىزنىڭ بارمىقىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن ئىزلىرى سەۋەبلىك «مۇرەككەپ تالانت ئىگىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېقىڭ. پەقەت بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھاياتىڭىزغا دائىر مۇھىم قارارلارنى چىقىرىپ قويماڭ!
بارماق ئىزى – سىزنىڭ خىمىيەلىك كۈندىلىك خاتىرىڭىز
بارماق ئىزىڭىز پەقەت بىر نەقىشلا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ يېقىنقى ھاياتىڭىزنىڭ كىچىككىنە بىر خىمىيەلىك سۈرىتىدۇر. بارمىقىڭىزدىن قالدۇرۇلغان تەر ۋە مايلاردا سىز ئۇچراشقان ياكى ئىستېمال قىلغان ماددىلارنىڭ ئاز مىقداردىكى قالدۇقلىرى بولىدۇ. ھازىر ئالىملار بۇ خىمىيەلىك قالدۇقلارنى ئانالىز قىلىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا. كەلگۈسىدە، بىر بارماق ئىزى ئارقىلىقلا قانۇن ئىجراچىلىرى گۇماندارنىڭ يېقىندا پارتلاتقۇچ دورىلارغا تەگكەن-تەگمىگەنلىكىنى ياكى چەكلەنگەن دورىلارنى ئىستېمال قىلغان-قىلمىغانلىقىنى دەرھال بىلەلەيدۇ. تىببىي ساھەدە بولسا، بۇ ئاددىي بارماق ئىزىنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق قان قەنتىڭىزنى تەكشۈرۈش ياكى دورىڭىزنى توغرا ئىستېمال قىلىۋاتقان-قىلمىغانلىقىڭىزنى بىلىش قاتارلىق يېڭى، ئاسان تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بارماقلىرىڭىز سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ
قىزىقارلىق «بارماق» ھەققىدىكى پاراڭلار
- كوئالانىڭ «جىنايىتى»: بىلەمسىز، دۇنيادا ئىنسانلاردىن باشقا يەنە كوئالالارنىڭمۇ ئۆزگىچە بارماق ئىزى بار. ھەمدە ئۇلارنىڭ بارماق ئىزى ئىنسانلارنىڭكىگە شۇنداق ئوخشاپ كېتىدىكەنكى، ھەتتا تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا ئاران پەرقلەندۈرەلەيدىكەن. ئەگەر بىرەر جىنايەت نەق مەيدانىدا كوئالانىڭ بارماق ئىزى تېپىلىپ قالسا، ساقچىلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈن كېلەركىن-ھە؟!
- ئىزىڭىزنى يوشۇرالمايسىز: تارىختا نۇرغۇن جىنايەتچىلەر كىسلاتاغا چىلاش، تېرىسىنى كۆيدۈرۈش ياكى ھەتتا باشقا ئادەمنىڭ تېرىسىنى ياماش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بارماق ئىزىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ باققان. لېكىن، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، بۇ ئىز ئادەمنىڭ ئىرسىيىتىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولغاچقا، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
قولىڭىزدىكى بۇ كىچىككىنە ئەگرى-بۈگرى سىزىقلار پەقەت بىر بېزەك ياكى كىملىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى بولۇپلا قالماي، بەلكى گېنلىرىڭىزنىڭ سىرتىدىكى بىر كۆزنىكىدۇر. ئۇلار بىزگە ئۆزگىچىلىكىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ ۋە بەزىدە سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن مۇھىم سىگناللارنى بېرىدۇ. شۇڭا كېلەر قېتىم يانفونىڭىزنى ئاچقاندا، بارمىقىڭىزدىكى بۇ سىرلىق خەرىتىگە بىر قۇر «سالام» بېرىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!